قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دوستلۇق مېھرىمىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن

2017-04-24 12:41:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گۈلمىرە مۇھەممەد، تيەن نا

− مەمەت ئاكا، ئاڭلىسام مىجەزىڭ يوق ئىكەن، قانداقراق تۇرىسەن؟ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارايمۇ؟
− دېڭ يۇڭ ئۇكام بولدى، رەھمەت ساڭا، بايا دورا ئىچتىم، ئەتىگىچە ياخشى بولۇپ قالىمەن.
  ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قۇمتام تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ قۇمتام مەھەللىسى باغۋەنچىلىك 1-مەيدانىدا ئولتۇرۇشلۇق 39 ياشلىق دېڭ يۇڭ 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 50 ياشلىق ئۇيغۇر ئاكىسى مەمەت ئىسلامنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ يوقلاپ كىرگەنىدى. بۇ ئىككىيلەننىڭ 20 يىلدىن بۇيانقى سەمىمىي دوستلۇقى بۇ مەھەللىدىكى كىشىلەرگە ئۈلگە بولغانىدى.
دېڭ يۇڭ مۇنداق دىدى:
-1995يىلى سىچۈەندىن ئاكامنى يوقلاش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەنىدىم، − دەپ گەپ باشلىدى قارامتۇل، پاكار كەلگەن  − ئەينى چاغدا ئاكام ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قۇمتام مەھەللىسىدىكى بىر قەنت زاۋۇتىدا ئىشلەيتتى. شۇ چاغدا بۇ زاۋۇتتا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئىشچى بار ئىدى، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئۇلارنىڭ ئاكامنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ ئاق كۆڭۈل كىشىلەردىن سۆيۈنگەنىدىم.
دېڭ يۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ چاغدا ئۇ ئاكىسىنىڭ ئىش-ئوقىتىنىڭ خېلى جايىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭمۇ مۇشۇ يەردە ئىشلەپ باققۇسى كېلىپ، زاۋۇتقا ئىلتىماس سۇنغان. ئۇ ئىشقا چۈشكەن دەسلەپكى چاغدا ئىشنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرغاندا، غوپۇر ئىسىملىك كىشى ئۇنىڭغا ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىتىپ، يۈك توشۇشنى ئېيتقان. ئەينى مەزگىلدە دېڭ يۇڭنىڭ تۇرىدىغان يېرى بولمىغاچقا، زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۇنىڭ ياتاق، تاماق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. بۇنىڭدىن كۆڭلى سۆيۈنگەن دېڭ يۇڭ بۇ يۇرت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا بەل باغلىغان.
 -1996يىلى دېڭ يۇڭ بۇ مەھەللىدىكى بىر خەنزۇ قىز بىلەن تونۇشۇپ توي قىلغان ۋە ئۇزاق ئۆتمەي بىر پەرزەنتلىك بولغان. دېڭ يۇڭ ئىشلەۋاتقان قەنت زاۋۇتى 1998-يىلى ۋەيران بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئايالىغا تەۋە 20 مو تېرىلغۇ يەرگە تايىنىپ دېھقانچىلىق قىلغان. دېڭ يۇڭ بۇ جەرياندا قېيىنئاتىسىنىڭ يېقىن قوشنىسىنىڭ ئوغلى مەمەت ئىسلام بىلەن دوست بولۇپ قالغان.
بۇلتۇر دېڭ يۇڭ ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغاندا، مەمەت ئىسلام ئۇنىڭغا ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىدىن ئۆي ئېلىپ، باققاللىق قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن قەدىناس دوستلار يېقىن قوشنىغا ئايلانغان. دېڭ يۇڭ مەمەت ئىسلامنىڭ تەكلىپى بىلەن مەھەللىدىكى باغۋەنلەرنىڭ مېۋە-چىۋىلىرىنى سېتىۋېلىپ، باققاللىق قىلغان.
− تىجارىتىم ئالدىراش، ئۆزۈم يالغۇز بولغاچقا، تۇرمۇشۇم تەرتىپسىز ئىدى. مەمەت ئاكامنىڭ ئايالى تولىمۇ كۆيۈمچان بولغاچقا، تۇرمۇشتا قىينىلىپ كەتمىدىم، ئۇ ماڭا ئۆز ئاچامدەك كۆيۈنىدۇ، − دېدى دېڭ يۇڭ، − كۈندە دېگۈدەك مېنى تاماققا چاقىرىدۇ، كىر-قاتلىرىمنى ئېرىنمەي يۇيۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم تىجارەت قىلالايدىغان بولدۇم.
مەمەت ئىسلامنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى دېگەندەك ياخشى ئەمەس ئىكەن. دادىسىنىڭ تەربىيەسىدە كىچىكىدىن باشلاپ باشقىلارغا ياردەم بېرىش، مىللەتلەر ئارا ئىناق ئۆتۈش ئۇنىڭ ئېڭىغا سىڭگەن ئىكەن، شۇڭا ئۇ دېڭ يۇڭنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن سىرداش دوستلاردىن بولۇپ كېتىپتۇ. دېڭ يۇڭ ھازىر ئۆزىگە چىقىش يولى تېپىپ بەرگەن مەمەت ئىسلامنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە قولىدىن كېلىشىچە غەمخورلۇق قىلىدىكەن.
مەمەت ئىسلام مۇنداق دىدى:
− دېڭ يۇڭ ئوبدان يىگىت،  ئۇنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرى ئالدىدا بىزنىڭ قىلغىنىمىز ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. 2013-يىلى قىزىم تۇيۇقسىز قىزىپ كېتىپ، بىزنى تەمتىرىتىپ قويغانىدى، دېڭ يۇڭ بۇنى ئۇقۇپ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن كارىۋات ھەل قىلىپ قويۇپتۇ، ئۇ ماڭا تېلېفوندا پۇلدىن غەم قىلماسلىقىمنى، بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىشىمنى ئېيتتى. شۇ قېتىم دېڭ يۇڭ بىزگە 12 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى. ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن قىزىم ۋاقتىدا داۋالىنىپ ساقايدى.
مەمەت ئىسلامنىڭ ئايالى تۇرنىسا ئابدۇۋەلى مۇنداق دىدى:
− دېڭ يۇڭ ئىنىمنىڭ قىلغان ئىشلىرى بۇلا ئەمەس، − دېدى  − 2009-يىلى ئېرىم قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ، ئېڭىكى ئېغىر زەخىملىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. دېڭ يۇڭ شۇ چاغدىمۇ ئۆيىمىزگە 20 مىڭ يۈەن ئېلىپ كېلىپ، دوختۇرخانىدا خاتىرجەم داۋالىنىشىنى ئېيتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ دائىم دېگۈدەك ئۇن، ياغ دېگەندەك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن بىزنى يوقلاپ تۇرىدۇ، ھېيت-بايراملارنى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بىللە ئۆتكۈزىمىز. مانا 20 يىل بولدى، بىز ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇق-تۇغقاندەك بولۇپ كەتتۇق.
دېڭ يۇڭ كەمتەرلىك بىلەن مۇنداق دىدى:
− قىلغانلىرىمنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، − دېدى  بۇ يۇرتقا كېلىپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتىم، شۇڭا ئۇلارغا قانچىلىك قىلسام ئەرزىيدۇ. مېنىڭچە، كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش، ئىناق-ئېجىل ئۆتۈش ھەرقانداق كىشىنىڭ قولىدىن كېلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن دوستلۇق مېھرىمىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى