قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۇتۇپخانىنىڭ بالىلار تەربىيەسىدىكى رولى

2017-04-24 12:58:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
 جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ بىلىمگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان، بىلىم ئېلىش يوللىرى كۆپ خىللىشىۋاتقان دەۋردە، كۇتۇپخانىنىڭ بالىلار تەربىيەسىدىكى رولى گەۋدىلىك بولماقتا.  كۇتۇپخانىنىڭ بالىلار تەربىيەسىدە مۇنداق رولى بار:
   1. كۇتۇپخانا بالىلارنىڭ ساپاسىنى يېتىلدۈرىدىغان بىلىم يۇرتى بولۇپ، كۇتۇپخانىدا پەن - تېخنىكا بىلىملىرى ۋە ئۇچۇرلىرى مەركەزلەشكەن. شۇڭا، كۇتۇپخانا بالىلارنى ئەڭ يېڭى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەربىيەلەشتە باشلامچىلىق ۋە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ.
   2. كۇتۇپخانا بالىلاردا گېزىت - ژۇرنال، كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىللە، كۇتۇپخانىدا تەبىئىي شەكىللەنگەن ماتېرىيال كۆرۈش تەرتىپ ئېڭىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
   3. كۇتۇپخانا بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ. قىزىقىش بالىلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.
   نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشى ۋە كۆپىيىشى بالىلاردا كىتاب ئوقۇشتىن ئىبارەت ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭا، بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەشتە، ئاتا - ئانىلار ئالدى بىلەن كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئەۋزەللىكىنى بالىلارغا چۈشەندۈرۈپ، ئاتا - ئانىلار بالىلار بىلەن بىرگە كىتاب ئوقۇپ، بالىلار بىلەن بولغان ئارىلىقنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
   قىسقىسى، ئائىلە جەمئىيەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بالا تەربىيەسىدە ئۆزىنىڭ ساپاسى، بىلىم قۇرۇلمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، بالىلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى