قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ھەر بىر بالىنى ئادىل ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىشقا تىرىشماقتا

2017-05-02 17:49:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەسلى مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى كۈچەيتىش؛ قوش تىل مائارىپىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي مائارىپنى ھەقىقىي تۈردە چىڭ تۇتۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار يېزىلاردىكى قوش تىللىق يەسلى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، ھەر بىر بالىنى ئادىل ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىشقا تىرىشماقتا.
يېقىندا، مۇخبىر تۇرپان شەھىرى ئېدىقۇت رايونى سىڭگىم يېزىسى ئەششا كەنتىگە بېرىپ، كەنتتە يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان يەسلى قۇرۇلۇش مەيدانىدا، ئىشچىلارنىڭ جىددىي ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردى. كەنت ئاھالىسى مۆمىن ئابدۇراخمان يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان يەسلىگە قاراپ ناھايىتى خۇش بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- كەنتىمىزدە يەنە يېڭىدىن يەسلى سېلىنىدىغان بولۇپ، بالىلار تېخىمۇ ياخشى بولغان مائارىپ مۇھىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى. مەنلا ئەمەس، كەنتىمىزدىكى ھەممە ئاھالىلار بۇنىڭدىن خۇش بولدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت ئېيتىمىز!
نۆۋەتتە، تۇرپان شەھىرى يەسلى يېشىغا يەتكەن 42 مىڭ بالىنىڭ يەسلىگە تولۇق كىرىشىنى تاماملىغان بولۇپ، تۇرپان شەھىرى بۇ يىل ئەسلىدىكى 193 قوش تىللىق يەسلى ئاساسىدا، 102 يەسلىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇش؛ يېڭىدىن 15 مىڭ بالىنى يەسلىگە كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قوش تىللىق يەسلى مائارىپىنىڭ قاتتىق دىتال سەۋىيەسى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار يەنە يۇمشاق دىتال سەۋىيەسىنىمۇ ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى. بۇ يىل ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قوش تىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سان جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى چىڭ تۇتتى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى قوش تىللىق مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى رۇڭ مۇنداق دېدى:- بىز ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە ھەر قايسى ناھىيە- شەھەرلەردىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن 500 نەپەر ئورگان كادىرىنى تەشكىللەپ، بىر يىللىق مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2017- يىلى 1- تۈركۈمدىكى 565 نەپەر قوش تىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى تاماملىدۇق. بۇ ئوقۇتقۇچىلار تەربىيەلەش ئارقىلىق، ھەر قايسى قوش تىللىق يەسلىلەرگە سەپلەندى.
قۇتۇبى ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ قوروسىغا كىرگەندە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇغان ئاۋازى ياڭراپ تۇراتتى. بۇ يىل تولۇق 2- يىللىقتا ئوقۇۋاتقان قازاق ئوقۇغۇچى ئاسرات ئالقاتاي مۇنداق دېدى:- ھازىر، مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇپلا قالماي، كىتابنىمۇ ھەقسىز تارقىتىپ بېرىدىغان بولدى. ھەر يىلى 2 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى تىجەپ قالالايمىز. ئائىلىمىزنىڭ يۈكىمۇ يىنىكلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىز تېخىمۇ ياخشى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. بىز ھەممەيلەن بۇ سىياسەتتىن بەكمۇ خۇش.
ئاسرات ئالقاتاي-- قۇتۇبى ناھىيەسىدە ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويۇلغان 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى. بۇ يىل قۇتۇبى ناھىيەسى 18 مىليون 227 مىڭ 200 يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يەسلى مائارىپىدىن تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىغىچە بولغان 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپىي مەكتەپلەرمۇ كەسپلەرنى تەڭشەش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، پىراكتىكا قىلىشنى كۈچەيتتى. يېقىندا ئاقسۇ تېخنىكا ئىنىستىتوتى شىنجېندىكى گوتەيئەن مائارىپ تېخنىكا چەكلىك پاي شىركىتى بىلەن مەكتەپ- كارخانا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ بايلىق ئەۋزەللىكلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش، مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە ئىھتىياجلىق بولغان تېخنىكا ئىختىساس ئىگىلىرىنى تېخىمۇ كۆپلەپ تەربىيەلەيدىغان بولدى. ئاقسۇ تېخنىكا ئىنىستىتوتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى لۈ شۆمىڭ مۇنداق دېدى:- 3 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان ئارلىقتا، كارخانا ۋە مەكتەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئارقىلىق، مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، كەسپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى يەنىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان ھالدا، كەسپىي مائارىپنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى