قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قۇملۇق ساياھىتى-- ماي بايراملىق ساياھەتتىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

2017-05-02 17:49:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ماي بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىمالىي شىنجاڭدىكى تاغلىق رايونلاردا قار- مۇزلار ئەمدىلا ئېرىگەن، ئوت- چۆپلەر ئەمدىلا بىخ سۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى تېخى ساياھەتچىلىكنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىگە كىرمىگەنىدى. شۇ سەۋەپلىك، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قۇملۇق ساياھىتى-- ماي بايراملىق ساياھەتتىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
ماي بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پىچان ناھىيەسىدىكى قۇمتاغ باغچىسى دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ساياھەتچىلەر قۇملۇقتا پىيادە مېڭىش، قۇملۇقتا قونۇپ، كۈن چىقىشنى كۆرۈش، قۇملۇق مەنزىرىسى بىلەن بوستانلىق مەنزىرىسى بىرىكىپ كېتىشتەك ئاجايىپ مەنزىرىدىن ھوزۇر ئېلىشقا قاتناشتى. نۇرغۇن ساياھەتچى قۇملۇق دالا ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇشنى تاللىدى. بېيجىڭلىق ساياھەتچى شېن مىنرۇڭ مۇنداق دېدى:- شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم، قۇملۇقنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم بولۇپ، قۇملۇق دالا ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرسا بەك پەيزى بولىدىكەن. شىنجاڭلىقلار ناھايىتى مىھماندوست ئىكەن، پۇرسەت بولسا، يەنە كېلىمەن.
ماي بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، توقسۇ ناھىيەسىدىكى قۇملۇق گۈل باغچىسى مەنزىرە رايونى ھەر كۈنى دىگۈدەك مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتىۋالدى. ئۇلار ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، 20 تۈرنى تەسىس قىلدى. قۇملۇقتا تۆگىگە مىنىش، قۇملۇقتا قىيىق ھەيدەش، قۇم تېيىلىش قاتارلىقلار ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ساياھەتچى جۇ خانىم مۇنداق دېدى:- ماي بايراملىق دەم ئېلىش بولغاچقا، بالىنى بىرلىكتە ئېلىپ كەلدىم. بۇ يەردە ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئوينىدۇق.
4- ئاينىڭ 30- كۈنى شىخەنزە شەھىرىنىڭ 2- نۆۋەتلىك جۈنيەن «قاتناش بانكىسى لوڭقىسى»نى تالىشىش دالا ئاپتوموبىلى راللى مۇسابىقىسى باشلاندى. مۇسابىقە مەيدانى- قۇربانتۇڭگۇت قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، مۇسابىقە لىنىيەسى- دالا ئاپتوموبىلى ھەۋەسكارلىرىغا ئاجايىپ تۇيغۇ ئاتا قىلدى. مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر شۈ جىيۇڭ مۇنداق دېدى:- ئادەتتە، خىزمەت بېسىمى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ئۆزىمىزنى ئارام ئالدۇرمىساق بولمايدۇ. دالا ئاپتوموبىلى ھەيدەشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن. بۇ ئارقىلىق، ئۆزۈمنى ئارام ئالدۇرالايمەن. مانا بۇ- مېنىڭ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىكى مەقسىدىم.
ساياھەتچى جەن دېرۇڭ مۇنداق دېدى:- دالا ئاپتوموبىلى راللى مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندا كۆرۈپ، ناھايىتى خۇش بولدۇم. كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسى مېنى مەپتۇن قىلىۋالدى.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى