قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ماي بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا كەلدى

2017-05-02 17:49:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىزنىڭ بۇ ماقالىگە قوشقان تەھرىر ئىلاۋىسىدە مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭنىڭ زىمىنى شۇنچە كەڭ، مەنزىرىسى شۇنچە گۈزەل بولۇپ، كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. تەڭرىتاغ بوغدا كۆلىدىن تارتىپ، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇققىچە... ماي بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا كەلدى. سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل ماي بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈتىۋېلىنغان ساياھەتچى سانى 1 مىليون 352 مىڭ ئادەم- قېتىمغا يېتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي ئىستىمال سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.4 ئاشقان. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى يۇقىرى دولقۇننى كۈتىۋالغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «جەننەت ماكان» قاناس، «ئاجايىپ تۈسكە ئىگە» توغراقلىق قاتارلىقلار دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇلۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە نامى ئاشتى. ئۇنىۋېرسال قاتناش تورى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ-- ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلارنىڭ قەلبىدىكى «جەننەت»كە ئايلاندى. شان- شەرەپكە ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نامىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا دېققەت قىلىشىمىز كېرەك. قانداق قىلغاندا، تەپەككۈردە يېڭىلىق يارىتىپ، ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرگىلى؛ تونۇلۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا، ساياھەت بايلىقلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇر قېزىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق دائىرىلىك ساياھەت نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى كۆرەش نىشانىمىز ھىساپلىنىدۇ.
شۇنچە كۆپ يەرلەرگە بارغاندىن كېيىن ھەممىدىن گۈزەل جاينىڭ يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇق. شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

 تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى