قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت بازارلىرىنىڭ كۈنسېرى ئاۋاتلىشىشىغا ئەگىشىپ، شەھەر ئاھالىلىرى دەم ئېلىش ۋاقتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ تاللاشقا ئىگە بولدى

2017-05-02 17:49:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
مەدەنىيەت بازارلىرىنىڭ كۈنسېرى ئاۋاتلىشىشىغا ئەگىشىپ، شەھەر ئاھالىلىرى دەم ئېلىش ۋاقتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ تاللاشقا ئىگە بولدى. تۈرلۈك شەكىللەردىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتتى.
بۇ يىل ماي بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، «سۈرئەت ۋە ھاياجان 8»، «ئەستە ساقلاش ئۇستىسى»، «بومبا چۇۋۇش مۇتەخەسسىسى»، «كۆك شەيتان» قاتارلىق مۇنەۋۋەر فىلىملەر نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنى جەلپ قىلدى. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتە، ئۈرۈمچىدىكى ئوسكار دوستلۇق خەلقئارا كىنو شەھەرچىسى تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولغانىدى. كىنو شەھەرچىسىنىڭ پىلانلىغۇچىسى جۇۋ مىڭيىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:- 4- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە، ئوسكار دوستلۇق خەلقئارا كىنو شەھەرچىسىنىڭ كۈندىلىك بىلەت كىرىمى 170 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، كۈندىلىك ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا 6 مىڭ ئادەمگە يەتتى.
ئېيتىشىش، ئەلنەغمە قاتارلىق ئەنئەنىۋى سەنئەت تۈرلىرىمۇ كىشىلەرنىڭ تاللىشىغا ئايلاندى. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7دە، شىنجاڭ ئېيتىشىش بازىرىنىڭ 400 كۋادىرات مېتىرلىق كىچىك تىياتىرخانىسى تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولدى. ئېيتىشىش، كۈلدۈرگە قاتارلىق قىزىقارلىق نومۇرلار تاماشىبىنلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلدى. 79 ياشلىق جاڭ تېلى بىلەن 86 ياشلىق دۇڭ فېڭتۇڭ سەھنىگە چىققاندا، تاماشىبىنلار قىزغىن چاۋاك چالدى. بۇ ئىككەيلەن ئورۇندىغان ئېيتىشىش- ئويۇننى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى. شىنجاڭ ئېيتىشىش بازىرىنىڭ مەسئۇلى مو شىنۋېي مۇنداق دېدى:- ماي بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئورۇندالغان نومۇرلار ئادەتتىكىدىن پەرقلىق بولۇپ، ھەر كۈنى دىگۈدەك تەڭشەۋاتىمىز. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، تىياتىرخانىمىز تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولۇپلا قالماي، ئورۇندۇق قوشىۋاتىمىز. 5 يىلدىن بۇيانقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بىر قىسىم تاماشىبىنلارنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى كۆڭۈل ئېچىش شەكلىدە ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ. 

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى