قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مېھىر-مۇھەببەتكە تويۇنغان قەلب

2017-05-03 12:10:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خالىدە ئوبۇل 

ــ ئانا بۈگۈن چۈشتە ئۆيگە قايتىمەن، لەڭمەن ئېتىپ قويۇڭ - جۇمۇ، لەڭمىنىڭىزنى خويمۇ سېغىندىم.
 ــ ماقۇل قىزىم، ئەمىسە يولىڭىزغا قارايمەن!
 ھاۋاخان روزى تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇپلا، چۈشلۈك تاماققا تۇتۇش قىلدى، ئۇ قىزى دىلخۇمار دەرستىن چۈشكۈچە ئوخشىتىپ لەڭمەن ئەتمەكچى بولدى...
 ھاۋاخان روزى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى «جەنۇبىي دوستلۇق يولى» تەۋەلىك باشقۇرۇش كومىتېتىغا قاراشلىق نېفىت ئىنستىتۇتى مەھەللىسىدە ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق ئىدى، ئېرى ياشقا چوڭ بولۇپ قالغاچقا، تۈزۈك پۇل تاپالمايتتى. بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، ھاۋاخان روزىنىڭ كۆڭلى توق ئىدى، ئۇ دائىم خۇشال - خۇرام يۈرەتتى، مەھەللىدە قانداق پائالىيەت بولسا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشاتتى. مەھەللىدىكىلەر ئۇنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى»، «مېھرىبان ئانا»، دەپ تەرىپلىشەتتى.
 1997- يىل 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سەھەردە ھاۋاخان روزىنىڭ ئېرى ئابدۇرۇسۇل ھاشىم ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدەك «دوستلۇق يولى»دىكى پوچتا ئىدارىسىگە ئىشلىگىلى كەلدى. ئۇ پۇچتا ئىدارىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە يۆگەككە يۆگەلگەن بىر بوۋاقنى كۆردى. قارىماققا بوۋاقنىڭ تۇغۇلغىنىغا تېخى بىر ھەپتىمۇ بولمىغاندەك قىلاتتى. ئابدۇرۇسۇل ھاشىم بالىنى چوقۇم بىرسى ئالغىلى كېلىدۇ، دەپ پەرەز قىلىپ، ئىشىك ئالدىدا خېلى ساقلىدى. لېكىن ھېچكىم بوۋاقنى ئالغىلى كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بوۋاقنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە ماڭدى... ھاۋاخان روزى يىغىسى ئاز بۇ خەنزۇ بوۋاققا تېزلا ئامراق بولۇپ قالدى، بوۋاق قىز ئىدى. ئۇ دەرھال تاللا بازىرىغا كىرىپ، بوۋاققا كېرەكلىك سۈت پاراشوكى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋالدى. ھاۋاخان روزى بوۋاققا سۈت پاراشوكى بەرگەچ كۆڭلىدە «ئائىلە شارائىتىمىز تازا ياخشى ئەمەس، ئاتا - ئانىسى كېلىپ بۇ قىزنى ئەكەتسە بولاتتى» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى. نەچچە ئاي ئۆتتى، بىراق بوۋاقنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىز - دېرىكى بولمىدى، كېيىنچە ھاۋاخان روزى گېزىتكە ئېلان بېرىپ، بالىنىڭ ئاتا - ئانىسىنى ئىزدىدى، لېكىن بۇنىڭمۇ ئۈنۈمى بولمىدى.
 ئامالسىز قالغان ھاۋاخان روزى ئېرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بالىنى رەسمىي بېقىۋېلىش رەسمىيىتىنى ئۆتىدى. ھاۋاخان ئەر - خوتۇننىڭ تۆت بالىسى بولۇپ، بىر ئوغلى مېيىپ ئىدى. ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن بۇ قىز بوۋاقنى ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك پارىلىرىدەك ئەزىز كۆرۈپ باقتى. ئەسلىدىنلا تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتۈۋاتقان بۇ ئائىلىگە بىر بوۋاقنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇلارنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. 50 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيدە بىر ئائىلە كىشىلىرى ھاۋاخان روزىنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، شۇنداق جاپالىق شارائىتتىمۇ ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن قىزنى بېقىش نىيىتىدىن يانمىدى.
 ھاۋاخان روزى مۇنداق دېدى: ئائىلە شارائىتىمىز ياخشى بولمىسىمۇ، بۇ قىزىمنى ئوبدان بېقىپ قاتارغا قوشۇشنى ئويلىدىم. ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىم، قولۇم - قوشنىلىرىم كۆپ قېتىم ماڭا بالىنى باشقىلارغا بېرىۋېتىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى. مەيلى كىم نېمە دېسۇن، مەن بۇ قىزىمنى بېقىپ ياراملىق ئادەم قىلىمەن، دەپ ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم.
 ھاۋاخان روزى قىزىغا «دىلخۇمار» دەپ ئىسىم قويدى. ھاۋاخان روزىنىڭ بالىلىرىمۇ بۇ سىڭلىسىغا بەكمۇ كۆيۈنەتتى.
 دىلخۇمار ئاستا - ئاستا چوڭ بولدى. ھاۋاخان دىلخۇمارغا دائىم مۇنداق دەيتتى: ھازىر دۆلەتنىڭ سىياسىتى شۇنداق ياخشى، ئىرادىلىك بولۇڭ، چوقۇم داۋاملىق ياخشى ئوقۇڭ، ئەتراپىمىزدا ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر كۆپ، ئۇلار سىزگە توختىماي ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتىدۇ. ياراملىق ئادەم بولۇپ، ۋەتەنگە، جەمئىيەتكە مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ!
 ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدە دىلخۇمار شادىمان، ئەقىللىق چوڭ بولدى. 2015 - يىلى ئۇ ئەلا نەتىجە بىلەن شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى. بۇ خەۋەر بىر ئائىلە كىشىلىرىنى بەكمۇ خۇش قىلىۋەتتى. لېكىن ھاۋاخان روزى شۇنىڭدىن كېيىن نەچچە كېچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدى. چۈنكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغان بۇ ئائىلىگە نىسبەتەن، ئوقۇش پۇلىنى غەملەش تولىمۇ قىيىن ئىش ئىدى. نېفىت ئىنستىتۇتى ئاھالىلەر كومىتېتىدىكىلەر بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ھەر تەرەپنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق دىلخۇمارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
 نېفىت ئىنستىتۇتى ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى كادىرلار ھاۋاخان روزى ئائىلىسىدىكىلەرگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتاتتى، ھېيت- بايراملاردا ئۇلارنى يوقلىغاچ، نېمە قىيىنچىلىقى بارلىقىنى سوراپ تۇراتتى. «جەنۇبىي دوستلۇق يولى» تەۋەلىك باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى كادىرلار سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىدىكى خادىملارنى تەشكىللەپ، ھاۋاخان روزىنىڭ سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ قوياتتى.
 ھاۋاخان روزى مۇنداق دېدى: مەن مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن، شۇڭا جاپا تارتساممۇ بالىلىرىمنى ئوقۇتتۇم، بۇ جەرياندا پارتىيە، ھۆكۈمەت بىزگە كۆپ غەمخورلۇق قىلدى. كوچا باشقارمىسى ۋە مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدىكىلەرمۇ بىزگە ئىزچىل ياردەم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىزگە ياردەم بەرگەن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرگە كۆپ رەھمەت!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى