قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يەنىلا يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنغان ياخشى

2017-05-03 12:30:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 دىليار پەرھات

 يېقىن دوستۇمنىڭ ئاتا-ئانىسى پىنسىيىگە چىققاندىن كىيىن يازدا ئارام ئېلىش ئۈچۈن قىبلىتاغدىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغانىدى. بىر قېتىملىق تۇغقانلار يىغىلىشىدا ئۇ ئۆينىڭ گىپىنى قىلىپ قاقشاپلا كەتتى:
-ئالدىنقى كۈنى ئاتا-ئانامنىڭ قىبلىتاغدىكى ئۆيىنىڭ پارۋىيى يېرىلىپ، ئۆيىگە سۇ چىقىپ كىتىپتۇ. ئەر ئايال ئىككىمىز ئىككى كۈن روخسەت سوراپ پارۋاينى ئوڭشاتتۇق. سوغۇقتا جاپا تارتىۋالدۇق، تۇرۇپ تاغدا ئۆيى بولسا بولمامدۇ نىمە دەپ ئويلاپ قالدىم، ئۇ ئۆيگە يازدا بېرىپ تۇرغىنىمىز تايىنلىق، كۆپ ۋاقتىمىز ئۆينى تازىلاپ جابدۇشقا، نەرسە-كېرەك توشۇشقا كىتىپتۇ، پايدىسىنى كۆردى دىسە، ماۋۇ بالىلىرىمىزنىڭ ئوينىۋالغىنى قاپتۇ، راستىنى ئېيتسام، تاغدىن ئۆي ئالىمىز دىگەندىن كۆرە، ۋاقتىمىز يەتكەندە تاغغا چىقىپ، ئەل قاتارى چىدىردا تۇرۇپ، ئويناپ كەلگەنمۇ ياخشىكەن، چوڭلار ئۇ ئۆينىڭ قەرزىنى تا ھازىرغىچە ھەرئايدا تاپشۇرىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ سۆزلىرى مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى، بىر ئۆينى نۇرغۇن پۇلغا سېتىۋىلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلانماي، يەنە تېخى پات-پات ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىنى رېمۇنت قىلدۇرۇپ ئارتۇق چىقىم قىلىش ئەمەلىيەتتە ۋاقىت، ئىقتىساد ۋە زېھىن ئىسراپ قىلغانلىقتۇر.
كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، غەيرىي نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدىغان، شەھەرگە قارىغاندا يېزىنى ياخشى كۆرىدىغان، تاغلارغا، باغلارغا بېرىپ تاماشا قىلغاچ، كاللىنى بىردەم بولسىمۇ ئارام ئالدۇرۇشنى ئويلايدىغان بولۇپ كەتتى، بەزىلەر مەنزىرىگاھ تاغلىق رايۇنلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىش جەريانىدا، بەزىدە تۇيۇقسىز كاللىسىغا «مۇشۇ يەردە ئۆيۈم بولسا، خالىغاندا كەلسەم، خالىغاندا كەتسەم....»دىگەن خىيالنىڭ يالت قىلىپ ئۆتۈشى بىلەن شۇ يەرلەردىن ئۆي سېتىۋىلىشنى قارار قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىرى پۇل غەملەپ تاغدىن ئۆي سېتىۋالىدىغان بولۇشتى، بىراق كىيىنچۇ؟ ئۇلار ئۆيدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىشنىڭ ئورنىغا ترىشىپ ئىشلەپ، ئۆينىڭ قەرزىنى قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، نەتىجىدە ئالدىراش بولۇپ، تېخىمۇ ھاردى، چارچىدى.
ئىلگىرى مۇنداق بىر ھىكايىنى ئوقۇغان ئىدىم: باياشات ياشاشنى ئۈمىد قىلىدىغان بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بولۇپ، ئۇلار رومانتىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلىپ، دېڭىز بويىدىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋاپتۇ، بۇ ئۆي ھەشەمەتلىك ھەم قىممەت بولغاچقا، ئەر-ئايال ئىككىيلەن بانكىدىن قەرز ئاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ئالدىراش ئىشلەيدىغان بوپتۇ. ئايالنىڭ چوڭ ئۆينى تازىلاشقا ۋاقتى يەتمەي، يۇقىرى مائاش بىلەن ئۆي خىزمەتچىسى ياللاپتۇ. ئەر-ئايال قەرز قايتۇرۇش ئۈچۈن ھەركۈنى سەھەردە ئۆيدىن چقىپ كەتسە، يېرىم كىچىدە قايتىپ كىلىدىكەن، ئۆي خىزمەتچىسى بولسا ئۇلار كەتكەندىن كىيىن كېرىسلۇدا پۇتىنى سوزۇپ يېتىپ قەھۋە ئىچىپ كۈن ئۆتكۈزىدىكەن، گەرچە بۇ قارىماققا ئادەتتىكى ھىكايىدەك بولغىنى بىلەن قىسمەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئوبرازلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن.
ھازىر قىسمەن كىشىلەر ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلمايلا، قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىدۇ، بارلىقىنى ئاتىغان يېڭى ئۆيىدە تۇرىدىغان ۋاقتى كۆپ بولمايدۇ. ئېسىل پىكاپىنىڭ ئاپتۇموبىل توختالغۇسىدا تۇرىدىغان ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزىرايدۇ. نەتىجىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىش ئۇياقتاتۇرسۇن، ئەكسىچە تۇرمۇشنىڭ قۇلىغا ئايلىنىدۇ.
ئەلۋەتتە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسكىنى ياخشى، بىراق تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلاردا ئۆزىنى چاغلىشى بەكمۇ مۇھىم دەپ ئويلايمەن. يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇپ، تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىش بەكمۇ مۇھىم، شۇنداق بولغاندا ئارتۇق غەملەردىن خالاس بولىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى