قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى قاتلاملىقلار مۈنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2017-05-15 13:20:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنخۇا ئاگىنتلىقى خەۋىرى:
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى قاتلاملىقلار مۈنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەد نۇتىقى سۆزلىدى. ئۇ تىنچ ھەمكارلىشىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش، ئۆز- ئارا ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك ئېلىش، ئۆز- ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى يادرو قىلغان يىپەك يولى روھىدا چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئۇزاققىچە مۇقىم يولغا قويۇش ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تىنچلىق يولى، گۈللىنىش يولى، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولى، يېڭىلىق يارىتىش يولى، مەدەنىيلىك يولىغا ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە يۈزلىنىشنى تەكىتلىدى.
«بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى قاتلاملىقلار مۈنبىرى-- ئېلىمىز تۇنجى بولۇپ تەشەببۇس قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى رامكىسى ئىچىدىكى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق يىغىن بولۇپ، باش تېمىسى-- «خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، تەڭ مەنپەئەتلىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش» تىن ئىبارەت. «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى قاتلاملىقلار مۈنبىرى-- باشلىنىش مۇراسىمى، رەھبەرلەر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى، يۇقىرى قاتلاملىقلار يىغىنى قاتارلىق 3 قىسىمدىن تەركىپ تاپىدىغان بولۇپ، 29 دۆلەت رەھبىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، 130 نەچچە دۆلەت ۋە 70 نەچچە خەلقئارالىق تەشكىلاتتىن كەلگەن 1 مىڭ 500 دىن ئارتۇق ۋەكىل بۇ قېتىمقى يۇقىرى قاتلاملىقلار مۈنبىرىگە قاتناشتى.

 تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى