قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سېستىرالار بايرىمىدا ۋاڭ يۇڭلى ئۇيغۇر قىزى، قۇمۇل كەسپىي تېخنىكا ئېنىستىتوتى سىستېرالىق 1615- سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بۇخەلچەم ئابدىلىمغا بايراملىق سوۋغا بەردى

2017-05-15 19:35:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
مۇشۇ ئاينىڭ 12- كۈنى، يەنى سىستېرالار بايرىمى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قۇمۇل كەسپىي تېخنىكا ئېنىستىتوتى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 3- قەۋىتىدىكى ئىشخانىدا، ئوقۇتقۇچى ۋاڭ يۇڭلى ئۇيغۇر قىزى، قۇمۇل كەسپىي تېخنىكا ئېنىستىتوتى سىستېرالىق 1615- سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بۇخەلچەم ئابدىلىمغا بايراملىق سوۋغا بەردى. بۇلتۇر 10- ئايدا، ۋاڭ يۇڭلى بۇخەلچەم ئابدىلىم بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ۋاڭ يۇڭلى يوپۇرغا ناھىيەسىدىن كەلگەن بۇخەلچەم ئابدىلىمنى ئۆز قىزىدەك كۆرۈپ كەلدى. ۋاڭ يۇڭلى مۇنداق دېدى: «ئۇنى 2- قېتىم كۆرگەن ۋاقتىمدا، ئۇنىڭ ئايىقىنىڭ ئاجراپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم. ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىم پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاياغ سېتىۋالدىم ھەمدە ئەتىسى ئۇنىڭغا ئاپىرىپ بەردىم. شۇ ۋاقىتتا، ئۇ ھاياجانلىنىپ كۆزىگە ياش ئالدى ھەمدە مېنى ۋاڭ ئاپا دەپ چاقىردى.
مانا مۇشۇ خىل ئىللىقلىق بۇخەلچەم ئابدىلىمنى تەسىرلەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇ ۋاقىتتا، مەن يازلىق ئاياغ كىيىۋالغان ئىدىم، ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، پۇتۇم توڭلاپ كېتەتتى. ۋاڭ ئاپام ماڭا يېڭى ئاياغ ئەكىلىپ بەردى. مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ ھاياجانلاندىم.
ۋاڭ يۇڭلى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بىر مەزگىل بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكتىن، بۇ خەلچەمنى يوقلىيالمىدىم. كېيىن، بۇ خەلچەمنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىسام، ئۇ ئاپىسىنىڭ ئاغرىقچان ئىكەنلىكى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ دادىسىنىڭ ئىشلەپ تاپقان پۇلى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقى، ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئارقىلىق، ئاتا- ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. مەن ئۇنىڭغا مېنىڭ تېلېفونىمنى ئىشلىتىڭ دېدىم.
شۇ ئىشتىن كېيىن، بۇخەلچەم ئابدىلىم ھەممە ئىشىنى ۋاڭ يۇڭلىغا دەيدىغان بولدى. يېقىندا، دەرستىن كېيىنكى دەم ئېلىشتا، بۇخەلچەم ئابدىلىم ۋاڭ يۇڭلىغا «مۇئەللىم، سىزنى ئاپا دەپ چاقىرسام بولامدۇ؟» دېدى. «ۋاڭ ئاپا» دەپ چاقىرىشتىن «ئاپا» دەپ چاقىرىشقىچە، ئوتتۇرىدا پەقەت بىر خەت پەرق بار بولسىمۇ، ۋاڭ يۇڭلى بىلەن بۇخەلچەم ئابدىلىم ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈلمەس رىشتە باغلاندى.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى