قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ ئايرىم–ئايرىم ھالدا چىلى زۇڭتۇڭى، تۈركىيە زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2017-05-15 19:49:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا كەلگەن چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم–ئايرىم كۆرۈشتى
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى خەلق سارىيىدا چىلى زۇڭتۇڭى باچېلېت بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن چىلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى.
 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چىلى يېڭى جۇڭگو بىلەن تۇنجى بولۇپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى دۆلەت ھەم جۇڭگو بىلەن تۇنجى بولۇپ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەت. ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئىككى دۆلەت ياخشى دوست ۋە ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو بىلەن چىلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى تاشلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھە، ھەر قايسى قاتلام دەرىجىلىك سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، كۆپ مەنبەلىك ھەمكارلىق ئەندىزىسى تۇرغۇزۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى رامكىسى ئىچىدە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، رايون ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، پاكىز ئېنېرگىيە، ئۇچۇر – خەۋەرلىشىش قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭ – چوڭ ھەمكارلىق تۈرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ھەم جەنۇبىي قۇتۇپ ئىلىم – پەن تەكشۈرۈشى، ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىش، بىيو پەن – تېخنىكىسى، بوشلۇق سۈنئىي ھەمراھى قاتارلىق پەن – تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىشى كېرەك. جۇڭگو چىلى بىلەن ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ھەم چىلىنىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا ئەزا بولغانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئۇل ئەسلىھە ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: لاتىن ئامېرىكىسى ھازىر دۇنيادىكى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور گۈللەنمە رايونلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا خەلقئارا ئەندىزىدە ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان مۇھىم كۈچ. جۇڭگو چىلىنىڭ جۇڭگو – لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان ئىجابىي تۆھپىسىنى ئالقىشلايدۇ، چىلى بىلەن بىرلىكتە ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو – لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ.
 باچېلېت مۇنداق دېدى: جۇڭگوغا كېلىپ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقىمدىن ھەم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. چىلى بىلەن جۇڭگونىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، كەڭ دائىرىلىك ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. چىلى چىلى – جۇڭگو ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ئارا سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىنىڭ ئۈنۈمىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەبلەغ سېلىش، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، كانچىلىق، پۇل مۇئامىلە، مۇھىت ئاسراش، مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىك، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئۇچۇر – خەۋەرلىشىش، ئۇل ئەسلىھە، جەنۇبىي قۇتۇپ ئىلىم – پەن تەكشۈرۈشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۆھبىتىنى بالدۇرراق تاماملاپ، ئىككى دۆلەتتىكىلەرنىڭ بېرىپ – كېلىشىگە قولايلىق يارىتىشنى خالايدۇ. چىلى جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم رولىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو بىلەن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو – لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
 سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سىياسىي، ئىقتىساد، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەتچىلىك، جەنۇبىي قۇتۇپ ئىلىم – پەن تەكشۈرۈشى قاتارلىق ساھەلەردە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىشقا ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىشىغا شاھىت بولدى.
 سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا باچېلېتنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ پىڭ، ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن يۈەن قاتارلىقلار قاتناشتى.
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى خەلق سارىيىدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا كەلگەن تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى.
 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو – تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بىر – بىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇنى نەزەردە تۇتۇشى، خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا، ئىستراتېگىيەلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ،‹‹توردىكى يىپەك يولى›› ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىسىنى، ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇشنى، كەسىپ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت سودىسىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو تۈركىيەنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى قوللىغانلىقىنى ھەم ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئالقىشلايدۇ، تۈركىيە بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى رامكىسى ئىچىدە چوڭ – چوڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تۈركىيەنىڭ 2018 – يىلى جۇڭگوغا كېلىپ ‹‹تۈركىيە ساياھەت يىلى›› ئۆتكۈزۈشىنى قارشى ئالىدۇ، تۈركىيە بىلەن ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاشنى خالايدۇ.
 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تىنچ، مۇقىم، تەرەققىي قىلغان ئوتتۇرا شەرق بەرپا قىلىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىقنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
 ئەردوغان مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھاسىنى ئالقىشلايمەن، تۈركىيە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئۆتكۈزىدىغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئىنتايىن مۇھىم. تۈركىيە جۇڭگو بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى رامكىسى ئىچىدە، مەبلەغ سېلىش، قاتناش تىرانسپورت تورى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ ھەم جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تۈركىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدا جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ.
 سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئەدلىيە، قاتناش، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى ھۆججەتلەرنى ئىمزالاشقا شاھىت بولدى.
 سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ئەردوغاننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
 ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى لېئوتخارد بىلەن كۆرۈشۈپ، لېئوتخاردنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. مۇئاۋىن زۇڭلى جاڭ گاۋلى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن شىۋېيتسارىيە 2016 – يىلى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى بېكىتكەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا شىۋېيتسارىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مەزگىلىمدە، بىز بىرلىكتە جۇڭگو – شىۋېيتسارىيە ساياھەت يىلىنى باشلاپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئەركىن سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ئون تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالاشقا شاھىت بولدۇق. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، بۇ سىياسىي ئورتاق تونۇش ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى ھەقىقىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلىشى ھەم يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشى؛ ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۆھبىتىنى تېزرەك باشلاپ، ‹‹جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025››نى شىۋېيتسارىيەنىڭ ‹‹سانائەت 4.0›› ئىستراتېگىيەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشى ھەم پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى؛ جۇڭگو – شىۋېيتسارىيە ساياھەت يىلى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئاۋىياتسىيە، مەدەنىيەت، قىشلىق تەنھەرىكەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.
 شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: شىۋېيتسارىيە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئاكتىپ قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان دۆلەت، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى جۇڭگو – شىۋېيتسارىيە ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئاچتى. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى مۇنبەر پائالىيىتى ئارقىلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
 لېئوتخارد مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 1 – ئايدا شىۋېيتسارىيەدە قىلغان زىيارىتى ناھايىتى ئۇتۇقلۇق بولدى. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئىمزالىغان نۇرغۇن ئورتاق تونۇش، بولۇپمۇ ئورتاق باشلىغان شىۋېيتسارىيە – جۇڭگو ساياھەت يىلى پائالىيىتى ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد ئالاقىسىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگۈسى. ئىككى تەرەپ ئالاقىدار ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. شىۋېيتسارىيە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئالقىشلايدۇ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى شۇ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شىۋېيتسارىيە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىشنى ھەم ئۇنىڭغا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
 ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى.
 شى جىنپىڭ ئورباننىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ھەم ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 68 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىزچىل ساغلام تەرەققىي قىلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىي ئەھۋالىنى نامايان قىلىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا كەڭ بوشلۇق ھازىرلاپ بەردى. ئىككى تەرەپ بۇنى ياخشى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى دۆلەت بىر – بىرىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ۋېنگىرىيەنىڭ ‹‹شەرققە قاراپ تەرەققىي قىلىش›› ئىستراتېگىيەسى بىلەن چوڭقۇر جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنىڭ يۇقىرى قاتلام يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەمكارلىشىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر قېزىپ، ۋېنگىرىيە – سېربىيە تۆمۈريولى قاتارلىق چوڭ – چوڭ تۈرلەرنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش كېرەك.
 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو – ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى بىلەن بولغان ئومۇمىي مۇناسىۋەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. جۇڭگو ۋېنگىرىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو – ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ۋە جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
 ئوربان مۇنداق دېدى: ۋېنگىرىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ۋېنگىرىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ۋېنگىرىيە – جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ۋېنگىرىيە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ بازار ئىگىلىكى ئورنىنى شۈبھىسىز، دەپ قارايدۇ. ۋېنگىرىيە جۇڭگو بىلەن ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، جۇڭگو – ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى ۋە جۇڭگو – ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى قوللايدۇ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم پۇرسەت، ۋېنگىرىيە ئالاقىدار ھەمكارلىقلارغا ئاكتىپ قاتنىشىشنى خالايدۇ.
 كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىق توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات››نى ئېلان قىلدى.
 ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا كەلگەن گىرېتسىيە زۇڭلىسى چىپراس بىلەن كۆرۈشتى.
 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر، جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچ نامايان قىلىنىۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە بىر – بىرىگە بولغان ئىشەنچى چوڭقۇرلىشىپ، ئىقتىساد – سودا سېلىنمىسى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىلىرى موللىشىۋاتىدۇ، ئادىمىيەت ئالاقىسى قويۇق ۋە رەڭدار بولۇۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو – گىرېتسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، جۇڭگو – گىرېتسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو گىرېتسىيە بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو – گىرېتسىيە ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيە شەرق – غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قويۇق مەدەنىيەت مەزمۇن ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت ھەمكارلىقى جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىپ، قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلىك مۇنبىرىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى سۇپىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئالاقىسى سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئەركىن، ئېچىۋېتىلگەن كۆپ تەرەپ سودا سىستېمىسىنى قوغدىشى كېرەك، گىرېتسىيەنىڭ جۇڭگو – ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
 شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: گىرېتسىيەنىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى ئوتتۇرا ھالقا تۈگۈنى قۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىغا ماس كېلىدۇ. جۇڭگو – گىرېتسىيە ئىككى تەرەپ پىرائىئوس پورتىنى ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى مۇھىم كونتىينېر ئوتتۇرا ھالقا پورتى، دېڭىز – قۇرۇقلۇق بىرلەشمە تىرانسپورت كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتىنى تارقىتىش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچەپ، جۇڭگو – ياۋروپا قۇرۇقلۇق – دېڭىز تېز لىنىيەسى، شۇنداقلا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا مۇھىم تىرەك بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، تېلېگراف، دېڭىز – ئوكيان قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.
 چىپراس مۇنداق دېدى: گىرېتسىيە بىلەن جۇڭگو قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت. يېڭى ۋەزىيەتتە ئىككى تەرەپ ئىقتىساد، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، يېڭى تېخنىكا قاتارلىق كەڭ ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پىرائىئوس پورتى تۈرىنى ياخشى راۋاجلاندۇرىدۇ. گىرېتسىيە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىغا قاتنىشالىغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال، گىرېتسىيە: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى يىراقنى كۆزلىگەنلىك بولۇپ، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىقتىساد – سودا، ئېنېرگىيە، تىرانسپورت، تور ئىشلىرىنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق، دەپ قارايدۇ. گىرېتسىيە جۇڭگو – ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە جۇڭگو – ياۋروپا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
 ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا كەلگەن پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف بىلەن كۆرۈشتى.
 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو جۇڭگو – پاكىستان مۇناسىۋىتىنى باشتىن – ئاخىر جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى، پاكىستان بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو – پاكىستاننىڭ چەكلىمىسىز ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو – پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىنى ساقلاپ، ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، سىياسىي پارتىيە قاتارلىق قاتلاملاردىكى ئالاقە ۋە ئۆزئارا زىيارەتنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، گۋادال پورتى ۋە ئەتراپتىكى يانداش تۈرلەرنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، كارىدور بويىدىكى كەسىپ رايونى قۇرۇلۇشى پىلانىنى تەتقىق قىلىشنى تېزلىتىپ، كارىدورنىڭ كەلگۈسى پىلانىنى تاماملاشنى كۈچەيتىپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەم ياخشى يولغا قويۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، چوڭ – چوڭ خەلقئارا ئىشلار ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە پاكىستان بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
 شېرىف مۇنداق دېدى: پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى مۇستەھكەم. پاكىستان ئىزچىل پاكىستان – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشنى قوللاپ كەلدى. پاكىستان جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە پاكىستان – جۇڭگو ئىقتىساد كارىدورى تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، گۋادال پورتى تۈرى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. پاكىستان داۋاملىق جۇڭگو بىلەن ب د ت، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا ۋە رايون مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىشنى خالايدۇ.
 ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى خەلق سارىيىدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا كەلگەن مالايسىيا زۇڭلىسى ناجىب بىلەن كۆرۈشتى.
 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالايسىيا دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان قوشنا دۆلەت، يەنە كېلىپ ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ. ھازىر، جۇڭگو بىلەن مالايسىيانىڭ مۇناسىۋىتى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا. جۇڭگو مالايسىيا بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ياخشى پىلانلاشنى، جۇڭگو – مالايسىيا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
 شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم ئىگىلىدى. ئىككى دۆلەت 21 – ئەسىردىكى سۇ ئۈستى يىپەك يولى ۋە مالايسىيانىڭ ئىقتىسادىي تىپ ئۆزگەرتىش پىلانىنى پائال جىپسىلاشتۇردى. ئىككى دۆلەت ‹‹ئىككى دۆلەت، قوش باغچا›› تەڭ قەدەملىك قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئالاقىدار سانائەت باغچىسى، تۆمۈريول قاتارلىق چوڭ – چوڭ تۈرلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو مالايسىيا بىلەن مائارىپ، مەدەنىيەت، خادىملارنىڭ بېرىش – كېلىشى ۋە ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى، قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. مالايسىيا قەدىمكى دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىدىكى مۇھىم دۆلەت، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىغا ئەڭ ئاۋۋال ئاۋاز قوشقان لىنىيە بويىدىكى دۆلەت، شۇنداقلا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئورتاق قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەڭ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگو جۇڭگو بىلەن مالايشىيانىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
 ناجىب مۇنداق دېدى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە تامامەن قوشۇلىمەن، مالايسىيا بىلەن جۇڭگو قوشنا دۆلەتلەردىن بولۇپلا قالماي، يەنە ياخشى دوست. مالايسىيا ئىككى دۆلەتنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنىڭ ئەمەلىيلىشىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال، مالايسىيا مالايسىيا – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا، تېخىمۇ كەڭ دائىرىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىشنى، سودا سېلىنمىسى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئادىمىيەت، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››دىن ئىبارەت تارىخىي خاراكتېرلىك مۇھىم تەشەببۇس مەزكۇر رايوندا، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادا زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. مالايسىيا ئالاقىدار ھەمكارلىقلارغا ئاكتىپ قاتنىشىشنى خالايدۇ.
 ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى خەلق سارىيىدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا كەلگەن ئىسپانىيە باش ۋەزىرى راجوي بىلەن كۆرۈشتى.
 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيەنىڭ دوستانە ئالاقىسى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. تەخمىنەن 400 يىل ئىلگىرى، ئىككى تەرەپ دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى ئارقىلىق جۇڭگو، ياۋروپا، لاتىن ئامېرىكىسى ئارىسىدا قويۇق سودا ئالاقىسى ئورناتقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ھەر جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان دوستانە ھەمكارلىقى مىسلىسىز تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بىز ئىسپانىيە بىلەن ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى، قانۇن تۈزۈش ئورگىنى، پارتىيەلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كېڭەيتىپ، بىر – بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە كېڭىشىش – ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشنى خالايمىز. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، بىيو تېببىي دورا، ئاۋىياتسىيە، ئالەم بوشلۇقى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىق جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ چىقىشى كېرەك. مەدەنىيەت ئالاقىسىدە ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ياش دوستلۇق ئەلچىلىرىنى تەربىيەلەپ، يەرلىك ۋە ئەلئارا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش تەرەققىياتىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىسپانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئاكتىپ رول ئويناپ، جۇڭگو – ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
 شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئىسپانىيە جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتە ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى زورايتىشتا مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ. يىۋۇ – مادرىد جۇڭگو – ياۋروپا پويىزى قاتناپ، ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم كۆۋرۈك ۋە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىگە ئايلاندى. ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ ساھەدە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
 راجوي مۇنداق دېدى: ئىسپانىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە ناھايىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇق، ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسى مول. ئىسپانىيە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، بۇ تەشەببۇسنىڭ لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا ئىسپانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ھاسىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئىسپانىيە جۇڭگو بىلەن سودا سېلىنمىسى، ئۇل ئەسلىھە، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ياۋروپا – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
 ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى