ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2017-05-15 19:49:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۇ يەنە چېخىيە زۇڭتۇڭى ۋە موڭغۇلىيە، پولشا، ئېفىيوپىيە زۇڭلىلىرى بىلەن ئايرىم–ئايرىم كۆرۈشتى


 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيۆيېۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دوستلۇق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىدە كېيىنكىلەرگە داۋاملىق يول ئېچىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە يەنىمۇ بەخت يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.
 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆزبېكىستان جۇڭگونىڭ يېقىن، مۇھىم قوشنىسى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، جۇڭگو – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئېشىپ، سەمىمىي، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ھەم ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى. ھازىر ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش مۇستەھكەملەندى. ئىككى تەرەپ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئىچىدە زىچ ھەمكارلىشىپ، بىر قاتار چوڭ تىپتىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي پايدا يەتكۈزدى. جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن ئەتراپلىق دوستلۇقنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئىككى تەرەپ داۋاملىق بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ مەسىلىلەردە ئۆزئارا بىر – بىرىنى قوللاپ، سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو خەلقئارالىق ئىشلار، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ۋەزىيىتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزبېكىستان بىلەن زىچ ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.
 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆزبېكىستان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئەڭ بالدۇر قوللىغان ھەم ئۇنىڭغا قاتناشقان دۆلەت. جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلەر ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى يېتەكلەيدىغان ئاساسىي لىنىيە بولۇپ قالدى. جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن بىرلىكتە يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى نۇقتىلىق يۆنىلىش، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق تۈرلەرنى بىرلىكتە ياخشى پىلانلىشى كېرەك. ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىدىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنى تولۇق قېزىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، سودا قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنى ئۇزاققىچە مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو باراۋەر بولۇش، ئىختىيار قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدا ئۆزبېكىستان بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، مەبلەغ سېلىش، سانائەت رايونى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ.
 مىرزىيۆيېۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇلۇغ قوشنىسى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەممە كىشىنى قايىل قىلىدۇ. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئىجابىي ئامىل. ئۆزبېكىستان جۇڭگونىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئۆز مەنپەئىتىنى قوغدىشى ۋە ئۆزى كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىشىنى، جۇڭگونىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىش مەيدانىنى قوللايدۇ. ئۆزبېكىستان ئۆزبېكىستان – جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىقتىساد – سودا، مەبلەغ سېلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئۇل ئەسلىھە، سۇچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ۋە رايون، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ب د ت، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئاساسىدا ماسلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ.
 ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەتتىن كېيىن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما باياناتى›› نى ئىمزالىدى ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد – تېخنىكا، قاتناش – تىرانسپورت، داۋالاش، يېزا ئىگىلىكى، سۇ – ئېلېكتىر، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا، ئۇل ئەسلىھە، ساياھەتچىلىك ۋە يەرلىك ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق شاھىت بولدى.
 شى جىنپىڭ سۆھبەتتىن ئىلگىرى ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا مىرزىيۆيېۋنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. پېڭ لىيۈەن، ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن، ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ‹‹خەلق›› سارىيىدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا كەلگەن چېخىيە زۇڭتۇڭى زېمان بىلەن كۆرۈشتى.
 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر جۇڭگو بىلەن چېخىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى دەۋر ئاچتى. ھازىر جۇڭگو – چېخىيە مۇناسىۋىتى سىجىل تېز راۋاجلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو چېخىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگو – چېخىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان سىياسىي ئاساستا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، يادرو ئېلېكتىر، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا، سەھىيە، ساياھەتچىلىك، كىنو – تېلېۋىزىيە، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى داۋاملىق كېڭەيتىشى، ياشلار ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرى جەھەتتىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.
 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن چېخىيە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدا ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق يىرىك پىلانى ئىمزالىدى. بۇ جۇڭگو ياۋروپا دۆلىتى بىلەن ئىمزالىغان تۇنجى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق يىرىك پىلانى بولۇپ، ئىجابىي ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە. چېخىيەنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. جۇڭگو ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىدا ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو – ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئېشىش قۇتۇبىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى قەتئىي قوللايدۇ.
 زېمان مۇنداق دېدى: چېخىيە جۇڭگونىڭ دوستى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېخىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتى كۈندىن – كۈنگە قويۇقلىشىپ، ھەمكارلىقى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ. چېخىيە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››دىن ئىبارەت بۇ زور تەشەببۇسنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى رامكىسى ئاساسىدىكى ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىشنى، بولۇپمۇ سودا، پۇل مۇئامىلە، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
 ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆرۈشۈشتىن كېيىن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى.
 ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ‹‹خەلق›› سارىيىدا جۇڭگوغا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا كەلگەن موڭغۇلىيە زۇڭلىسى ئېردېنېبات بىلەن كۆرۈشتى.
 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو موڭغۇلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ، پۇرسەتنى ئىگىلەپ، قەدەمنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، جۇڭگو – موڭغۇلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو – موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتى زور تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە. ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جۇڭگو – موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا توغرا يولدىن چەتنەپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئەركىن سودا رايونىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى ۋە چېگرا ھالقىغان ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، كان، ئېنېرگىيە چوڭ تۈرلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى زورايتىشى كېرەك. ياشلار، تاراتقۇلار، يەرلىكنىڭ بېرىش – كېلىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مەزمۇنلىرىنى بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ۋە ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: موڭغۇلىيە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيە بويىدىكى مۇھىم دۆلەت. جۇڭگو موڭغۇلىيەنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، موڭغۇلىيەنىڭ ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكلۈك ۋە رىشتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ سودا سېلىنمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەر ھەمكارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ۋە موڭغۇلىيەنىڭ ‹‹تەرەققىيات يولى›› تەشەببۇسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. جۇڭگو – موڭغۇلىيە – رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچ تەرەپنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك.
 ئېردېنېبات مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگوغا بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش موڭغۇلىيەنىڭ ئالدىنقى نىشانى. موڭغۇلىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، موڭغۇلىيە – جۇڭگو يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى، ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. موڭغۇلىيە ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنىڭ ئىنسانلار تەرەققىياتىدىكى تەڭسىزلىك، مۇقىمسىزلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىگە يۈكسەك قايىل، موڭغۇلىيە ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى بىرلەشتۈرۈشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى رامكىسىدا ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.
 ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ‹‹خەلق›› سارىيىدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا كەلگەن پولشا زۇڭلىسى سىزىيدلو بىلەن كۆرۈشتى.
 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پولشا جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى مۇستەھكەم. جۇڭگو پولشانى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، دەپ قارايدۇ. جۇڭگو پولشا بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى داۋاملىق تولۇقلاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ۋە پارتىيەلىرى ئارىسىدىكى سۆھبەتنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە، مۇھىت ئاسراش، يۇقىرى تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەتچىلىك، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو پولشانىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى پائال قوللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. ئىككى تەرەپ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى بىلەن پولشا دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ ماس نۇقتىلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇش رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو پولشانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو – ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو ‹‹1 + 16 ھەمكارلىقى››نى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ياۋروپا ئىقتىساد چەمبىرىكىگە سىڭدۈرىدىغان مۇھىم ‹‹چاتقۇچ››قا، جۇڭگو – ياۋروپا تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ماكانلاشتۇرىدىغان ئەۋزەل رايونغا ھەم جۇڭگو – ياۋروپا ھەمكارلىقىدىكى يېڭى ئېشىش قۇتۇبىغا ئايلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. پولشانىڭ ‹‹1 + 16 ھەمكارلىقى››نى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو – ياۋروپا ھەمكارلىقىنى ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا رايونىدا تېخمۇ زور تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
 سىزىيدلو مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇر 6 – ئايدا پولشاغا قىلغان زىيارىتى پولشا – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنىڭ دۇنيا تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىكى ئەھمىيىتى زور بولۇپ، پولشا ئۈچۈن بەك مۇھىم. پولشا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇش رامكىسى ئاساسىدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەمكارلىقلارغا پائال قاتنىشىپ، مەبلەغ سېلىش، يۇقىرى تېخنىكا، ساياھەتچىلىك، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭ پولشا ۋە ياۋروپانىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە ۋە سودىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
 ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ‹‹خەلق›› سارىيىدا جۇڭگوغا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا كەلگەن ئېفىيوپىيە زۇڭلىسى خايلېمارىئام بىلەن كۆرۈشتى.
 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، جۇڭگو – ئېفىيوپىيە ھەمكارلىقى جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ئىستراتېگىيەلىك ۋە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان يۇقىرى سەۋىيەنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، مەن جۇڭگو – ئېفىيوپىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمەن. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، بىرى – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە قوللىشى كېرەك. بايلىق ئەۋزەللىكىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى نۇقتىلىق تۇرغۇزۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، سودىدىكى ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى بىخەتەر، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ياشلار، ئاياللار، ئالىي مەكتەپ، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ، مەدەنىيەت قاتارلىق ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئاۋىياتسىيە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى قارشى ئالىدۇ.
 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېفىيوپىيە ئافرىقىدىكى مۇھىم تەسىرگە ئىگە دۆلەت، شۇنداقلا دېڭىز يىپەك يولىنىڭ تارىخىي ۋە تەبىئىي داۋامى. جۇڭگو ئېفىيوپىيەنىڭ ئاسىيا سېلىنما بانكىسىغا ئەزا بولغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، ئېفىيوپىيەنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئافرىقا بىلەن تۇتاشتۇرۇشتىكى كۆۋرۈك ۋە رىشتىلىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو ئېفىيوپىيە بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدىغا ئېرىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
 خايلېمارىئام مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېفىيوپىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، سودا، مەبلەغ سېلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى تېز ئىلگىرىلىدى. ئېفىيوپىيە جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش رامكىسىدا ئېفىيوپىيە – جۇڭگو ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››تەشەببۇسى يىراقنى كۆرەر، دۇنياۋى خاراكتېرگە ئىگە ئۇلۇغ تەشەببۇس بولۇپ، ئالاقە، ھەمكارلىقنى راۋانلاشتۇرۇش، سودا، مەبلەغ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. ئېفىيوپىيە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىدۇ.
 ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى