قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شا يېزىسى نەخۇل كەنت يولىدا دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تۈگەتكەن كەنت ئاھالىلىرى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئارىلاش ئەمگەكتىن تاپقان خوشاللىقى ۋە كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەر شۇنداقلا يېڭىلىقلار ئۈستىدە سۆزلەشتى

2017-05-17 13:58:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
يېقىندا توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شا يېزىسى نەخۇل كەنت يولىدا دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تۈگەتكەن كەنت ئاھالىلىرى بىر- بىرىگە ھەمراھ بولۇپ مېڭىشىپ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئارىلاش ئەمگەكتىن تاپقان خوشاللىقى ۋە كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەر شۇنداقلا يېڭىلىقلار ئۈستىدە سۆزلەشتى.
نەخۇل كەنتى بىر ئادەتتىكى كىچىك كەنت. بىر قانچە يىلدىن بۇيان كەنت كوللىكتىپ كىرىمى ئۇدا ئېشىپ، ھازىر 200 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى. دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 10 مىڭ يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتتى.
كەنت ئاھالىسى دوڭ يۆچياڭ نەخۇل كەنتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولۇپ، بىر قانچە يىل ئىنچىكە ئىزدىنىش ۋە سىرتقا چىقىپ تەلىم ئېلىش نەتىجىسىدە ئۇ 2012- يىلى كەنتتىكى پارنىكنى كۆتىرە ئېلىپ سىناق تەرەققىسىدە سورتلۇق تاۋۇز ئۆستۈردى. ئۇ بىر پارنىكتىن بىر يىلدا 35 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ كەنتتىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى بىيىش باشلامچىلىرىدىن بولۇپ قالدى. دۇڭ يۆچياڭ ئۆزى بىيىغاندا ئەتراپىدىكىلەرنى ئۇنۇتماي ئۆزىنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىگە ئۆگىتىپ كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچىلىك پەن تېخنىكىغا تايىنىپ بىيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، نەخۇل كەنتىدە ھەر مىللەت ئاھالىلەر ئارىسىدا باقمىچىلىق ۋە تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆز ئارا ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. ھەر مىللەت كەنت ئاھالىسى ئالاقىلىشىش ۋە ئارىلىشىش ئارقىلىق بىر- بىرى بىلەن ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتۈپ بىرگە ياشاپ، ئورتاق بىيىش يولىدا ماڭدى.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى