قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلەت مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بەش چوڭ ساھەسىدىكى قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ

2017-05-17 13:58:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
دۆلەت مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بەش چوڭ ساھەسىدىكى قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تور پونكىتى يېقىندا شىنجاڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، شىزاڭ ۋە سىچۈەن، يۈننەن، گەنسۇ، چىڭخەيدىكى زاڭزۇ رايونىغا مەركەز خامچوتىدىكى مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىلغانلىقىنى، بۇ مەبلەغنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش، چوڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتى ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇش، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەر قاتارلىق بەش ساھەدىكى تۈرلەر قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2016 - يىلى مەركەز خامچوتىدىكى 3 مىليارد 715 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ، سەھىيە، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىق جامائەت مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى 26 تۈرلۈك 1100 قۇرۇلۇشنى قوللىغان. 2017 - يىلى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغان يىل، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغان ھالقىلىق يىل. ئاپتونوم رايون باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنلىك تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەمەلىيلەشتۈردى؛ %70تىن ئارتۇق مەبلەغنى خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان توققۇز چوڭ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردى؛ زور بىر تۈركۈم قاتناش، شەھەر مەمۇرىيىتى، سۇ ئىشلىرى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇردى؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى يەنىمۇ قوغداپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى؛ يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەر قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتتى. ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «12 بەش يىل»دىكى تۈر پىلانىنى يولغا قويۇش تەجرىبىلىرىنى تولۇق خۇلاسىلەش ئاساسىدا، يەتتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلغان تۈر مەبلىغىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە «13- بەش يىل» دىكى مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سوممىسىنى كونترول قىلىش دائىرىسى ئىچىدە، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆز ئىقتىدارىغا بىرلەشتۈرۈپ، قوشۇمچە تۈرلەر سانى ۋە مەبلەغ سېلىش ياردەم پۇلى نىسبىتىنى مۇستەقىل تەڭپۇڭلاشتۇرۇشىغا قوشۇلغان.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى