قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چېن چۈەنگو «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە»نىڭ ئاپتورى، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىلەن كۆرۈشتى

2017-05-19 13:00:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو5-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە، «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە»نىڭ ئاپتورى، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىلەن كۆرۈشتى.
چېن چۈەنگو ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئىزچىل پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى قىزغىن سۆيۈشتەك ئېسىل پەزىلىتىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا قوشقان تۆھپىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى:- ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستىراتېگىيەسىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس تۈر كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسىنى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان سادىقلىق ساداسىنى، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشتەك ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر-ئاممىدا كۈچلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدا ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغدايدىغان قۇدىرەتلىك ئىجابىي كۈچنى مۇجەسسەملىدى. يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي كادىرلارنىڭ ئۈلگىسى، ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق كادىر-ئاممىنىڭ ئۈلگىسى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئۈلگىسى.
چېن چۈەنگو ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ شان-شەرەپنى قەدىرلەپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، باشلامچىلىق رولى، يېتەكچىلىك رولى، ئۈلگىلىك رولى، نەمۇنىلىك رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر چوڭ ھەق، چوڭ ناھەقنى پەرقلەندۈرۈشتە مەيدانى ئالاھىدە ئېنىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكىتى ئالاھىدە قەتئىي، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈشتە ھېسسىياتى ئالاھىدە چىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ مۇستەھكەم سىياسىي مەيدانىنى، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسسىياتىنى، ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلىنى، چىن مىللىي ھىسسىياتىنى، روشەن ھەق-ناھەق قارىشىنى، ساپ خەلقچىللىقىنى ئۆگىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدىرەتلىك بىرىكمە كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىشى كېرەك. «تۆت خىل ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە سادىق ئۈلگىلەردىن بولۇش كېرەك. باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شىنجاڭ گەرچە پايتەخت بېيجىڭدىن يىراقتا بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا تولۇق مايىل بولغان، زىچ باغلانغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى قەتئىي قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇش كېرەك. باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە خەلققە سادىق بولۇپ، ۋەتەننى، پارتىيەنى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتىن ئىبارەت بۇ زور پىرىنسىپلىق مەسىلىدە، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، تونۇشى بىردەك، ئىچى-تېشى بىردەك، پوزىتسىيەسى قەتئىي، قەدىمى بىردەك بولۇپ، دادىل ئىپادە بىلدۈرۈپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىش كېرەك. «بەش تونۇش»نى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، ھىمايە قىلغۇچى، قوغدىغۇچىلاردىن بولۇش كېرەك. ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى چوڭقۇر، پۇختا ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، پۇختا ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن بارلىق ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى بېغىشلاش كېرەك. غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئېتىقاد ئاساسىنى پۇختىلاپ، مەنىۋى ئوزۇق تولۇقلاپ، ئىدىيەنى توغرىلاپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزمنىڭ يول ئىشەنچىسى، نەزەرىيە ئىشەنچىسى، تۈزۈم ئىشەنچىسى، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.
چېن چۈەنگو ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھەققىدىكى بايانى» ناملىق كىتابنى سوۋغا قىلىپ، ئۇنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستىراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىگە جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئۆزىنىڭ چوقۇم شان-شەرەپتىن ئىلھام ئېلىپ، داۋاملىق سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئاۋانگارت بولۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىر-ئامما بىلەن بىرلىكتە «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە زوراۋان-تېررورچىلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى