قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىللارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2017-05-19 13:00:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
5-ئاينىڭ 19-كۈنى نەشىردىن چىققان شىنجاڭ گېزىتىگە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ھامىدىن نىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئابلىز ئابدۇرېھىم، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى پەرھات تۇراخۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تەرجىمە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىللارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى بېسىلدى.
ھامىدىن نىيازنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پارتىيەلىك كادىرلار مۇھىم ھالقا. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە، ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇشى كېرەك. پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە، مۇقىملىق، ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، پارتىيەلىك كادىرلار جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشى كېرەك.
ئابلىز ئابدۇرېھىمنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: مەن شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىنى، پارتىيەنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم. مەن چوقۇم يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز-ھەرىكەتلەر بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن.
پەرھات تۇراخۇننىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۇزاق يىللىق خىزمەت ئەمەلىيىتىمدە، زوراۋان-تېررورچىلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايى قىلمىشلىرىنى، كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان تۈرلۈك رەزىل جىنايى ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ، زوراۋان-تېررورچىلار بىلەن ھايات-ماماتلىق جەڭ قىلىدىغان يۈزتۇرانە كۈرەشنى باشتىن كەچۈردۈم. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان باش جىنايەتچى. ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقاتقاندىلا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئاندىن ئىشقا ئاشىدۇ. ئەدلىيە ئورگىنىدىكى رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن چوقۇم ھەر مىللەت كادىر-ئاممىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە يېتەكلەپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىمەن.
ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: مەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەرجىمە خىزمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ساداسىنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈلۈش-يەتكۈزۈلمەسلىكىگە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە توغرا يەتكۈزۈلۈش-يەتكۈزۈلمەسلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. مەن چوقۇم قەتئىي پوزىتسىيە، كۈچلۈك تەدبىر، قاتتىق ئىستىل ئارقىلىق مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرىنىڭ ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېگىشلىك تۆھپەمنى قوشىمەن.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى