قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەشقەر ۋىلايىتى ھەر مىللەت ئاممىنى نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشماقتا

2017-05-19 13:00:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
قەشقەر ۋىلايىتى مەملىكىتىمىزدىكى 14 مەركەزلىك تۇتاشقان ئالاھىدە جاپالىق رايونلارنىڭ بىرى. قاتمۇقات قىيىنچىلىق ئالدىدا، يەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى مەۋقەنى توغرا بولۇشقا قارىتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشماقتا.
يېڭىسار ناھىيە ئسىتلى يېزا قالجاق كەنت ئاھالىسى پاتىمە كېرەم سەھەردىلا كەنتتىكى كىچىك زاۋۇتقا ئىشقا كەلدى. ئۇ بۇ يىل 3- ئايدا 86 ئايال بىلەن بىرلىكتە، يېڭىسار شىنداشىن كىيىم-كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە تەربىيەلىنىپ، پىشقان ئىشچى بولغاندىن كېيىن ئۆيىگە يېقىن جايدىلا ئىشقا ئورۇنلاشقانىدى. پاتىمە كېرەم مۇنداق دېدى:- ھازىر ھەر ئايدا مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمەن. يولدىشىم ئىككىمىز بىر يىلدا 20 نەچچە مىڭ يۈەن تاپالايمىز.
يېڭىسار ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «باش ئىشتاب + بالا زاۋۇت»تىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيەنىڭ ھەر قايسى يېزا-كەنتلىرىدە «بالا زاۋۇتلار»نى قۇرۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يېقىن جايدا ياكى ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
2014- يىلى قەشقەر ۋىلايىتىدە ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ، كارتىسى بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس 285 مىڭ 600 ئائىلىلىك، 1 مىليون 55 مىڭ 900 كىشى بولۇپ، شىنجاڭدىكى نامرات نوپۇس ئومۇمىي سانىنىڭ 40.5 پىرسەنتىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 128 مىڭ كىشى ياشاش شارائىتى ناچار، ئۇل ئەسلىھەلىرى ئارقىدا قالغان تاغلىق رايون، چېگرا لىنىيەلىرىگە تارقاق جايلاشقان بولۇپ، نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ باش قېتىنچىلىقى ئىدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم يېڭىلىق يارىتىشقا توغرا كېلەتتى. ئۈچ تەرىپى قۇملۇق بىلەن قورشالغان مەكىت ناھىيەسى ھۆكۈمەت سىياسەت ئارقىلىق قوللاش، كارخانىلار سودىغا مەبلەغ سېلىش، دېھقان-چارۋىچىلار بازارلاشقان شەكىلدە قاتنىشىشتەك مېخانىزم تۇرغۇزۇپ، 300 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ بىلەن 200 مىڭ مو ئورمان بەرپا قىلىپ، قۇمنى تىزگىنلەش بىلەن نامراتلارنى يۆلەش ئۆزئارا بىرىككەن يېڭى ئۇسۇلنى تېپىپ چىقتى. قۇمقۇسار يېزا تۆۋەن تاۋا كېسسىك كەنتى قۇملۇققا ئەڭ يېقىن كەنت بولۇپ، كەنت ئاھالىسى ياسىن ئاتاۋۇللا ھازىر ئېكولوگىيەلىك ئورمان قاراۋۇلى بولدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق ھېسابات چىقىرىپ بەردى:- ئايلىق مائاشىم 5 مىڭ 200 يۈەن، ھۆكۈمەت 100 كۋادىرات مېتىرلىق قوتان سېلىپ بېرىپ، قوي سېتىۋېلىشىمغا يەنە 6 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بەردى. ھازىر 10 قويۇم بار. ھېسابلاپ كەلسەك، ئائىلىمىزنىڭ بىر يىللىق ساپ كىرىمىلا 60 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.
قەشقەر ۋىلايىتى يەنە ئۆزگىچە كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى تايانچ قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنى شەھەرگە، زاۋۇتقا، باغچا رايونىغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلھام بەردى. مارالبېشى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خې چياڭ مۇنداق دېدى:- ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بۇلتۇردىن باشلاپلا نوپۇسى كۆپ، يېرى ئاز، ياشاش مۇھىتى ناچار رايونلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى يەر تېرىشتىن ئازاد قىلىپ، شەھەر ئەتراپىغا كۆچۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدا نامرات ئاھالىلەر شۇ ئەتراپتا ئىشلەپ پۇل تاپالايدۇ. يەنە يۈرۈشلەشكەن پارنىك-قوتانلار سېلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالايدىغانلار پارنىكتا كۆكتات تېرىسىمۇ، ھەمكارلىق كوپېراتىپىغا پاي قوشسىمۇ بولىدىغان بولدى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جېڭ گېنچاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:- قەشقەر ۋىلايىتى بۇ يىل نامرات نوپۇستىن 63 مىڭ 700 ئائىلىلىك، 225 مىڭ 200 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، 330 كەنتنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنى پىلانلىدى. بىرىنچىدىن، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، يەرلىكتىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپلىرى كۈچەيتىلدى. ئىككىنچىدىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۈچىنچىدىن، باشقا جايغا كۆچۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋاستە قىلىنىپ، نامرات ئاھالىلەر شەھەرگە، زاۋۇتقا، باغچا رايونىغا كۆچۈرۈلدى. ئېكولوگىيەلىك ئورماننى قوغداشقا 3 مىڭ 758 ئادەم قوبۇل قىلىنىپ، ھەر بىرىگە 10 مىڭ يۈەندىن بېرىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى نامرات ئاھالىلەر. بۇنىڭدىن سىرت، نامرات نوپۇسنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى كۈچەيتىلدى.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى