قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگو شىنجاڭ-ياۋروپا يۇقىرى قاتلام توقۇمىچىلىق مۇنبىرىدە، شىنجاڭنى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ پاختا توقۇمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، غەربىي رايوندىكى ئەڭ چوڭ كىيىم-كېچەك ئېكسپورت پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى

2017-05-19 13:00:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئىستانسىمىز خەۋىرى:
5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاياغلاشقان جۇڭگو شىنجاڭ-ياۋروپا يۇقىرى قاتلام توقۇمىچىلىق مۇنبىرىدە، مۇنبەرگە قاتناشقان توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى زاتلار «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پايدىلىق ۋەزىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ پاختا توقۇمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، غەربىي رايوندىكى ئەڭ چوڭ كىيىم-كېچەك ئېكسپورت پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىلىشى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىدە ئېتىبار سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىگە مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقىرى رايونغا ئايلاندى. ئۆتكەن 3 يىلدا، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىليون كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش قۇرۇلۇشى مەملىكەت ئىچىدىكى نۇرغۇن داڭلىق كارخانىلارنى جەلپ قىلىپ، مەبلەغ سېلىش سوممىسى 89 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 119 پىرسەنت ئاشتى. بۇ قېتىملىق جۇڭگو شىنجاڭ-ياۋروپا يۇقىرى قاتلام توقۇمىچىلىق مۇنبىرىدە، ياۋروپانىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىدىكى داڭلىق كارخانىلار دۆلىتىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىدىكى باشلامچى كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق قاتنىشىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. سانتېكس رىمار گۇروھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى فېردىناند بۇستونو مۇنداق دېدى:- شىنجاڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا، ئىلغار ئەسلىھە ۋە مۇكەممەل كەسپ زەنجىرىگە ئىگە. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئارىمىزدىكى چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇردى. بىز شىنجاڭ بىلەن شېرىك بولۇپ، ئىلغار تېخنىكا ۋە تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالايمىز.
توقۇمىچىلىق مۇنبىرىدە، كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئەتلەس نۇسخىلىرى ۋە ئالاقىدار مەھسۇلاتلار دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كارخانىچىلارنىڭ دېققىنى تارتىپ، ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولدى. شىنجاڭ ئەتلەسچىلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چېڭ يىڭفېن مۇنداق دەپ قارىدى:- «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، ئەتلەس مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چوقۇم تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ. مىڭ يىللىق مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش جەريانىدا خەلقئارالىق ئامىللار سىڭدۈرۈلگەچكە، كىشىلەرنى ئاسانلا جەلپ قىلىۋالىدۇ. شىنجاڭنىڭ يىپەكلىرى چوقۇم قايتىدىن جۇلالىنىپ مودىغا ئايلىنىدۇ.جۇڭگو توقۇمىچىلىق سانائىتى بىرلەشمىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش كاتىپى گاۋ يۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى:- شىنجاڭ ئۆزىنىڭ سىياسەت، خام ماتېرىيال، ئېنىرگىيە، تەننەرخ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەڭداشسىز ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا دۇنيانىڭ دېققىتىنى تارتقان، يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كەسپىگە مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقىرى رايونغا ئايلاندى. پىلان بويىچە 2020- يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭ ئاساسىي جەھەتتىن دۆلەتنىڭ مۇھىم پاختا توقۇمىچىلىق بازىسىغا، غەربىي شىمال رايونى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا، شۇنداقلا غەربكە ئېسكپورت قىلىشتىكى توپلاش-تارقىتىش مەركىزىگە ئايلىنىدۇ.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى