قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەن ئالىي شان-شەرەپكە ئېرىشتىم

2017-05-19 13:00:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
«قاراقۇرۇمغا سىڭگەن دوختۇرلۇق مېھرى» ناملىق يۈرۈشلۈك ماقالىنىڭ «مەن ئالىي شان-شەرەپكە ئېرىشتىم» دېگەن 2-قىسمى
 1- چارۋىچىلىق مەيدانى دوختۇرخانىسىدىن يولغا چىقىپ، تار ھەم ئەگرى-توقاي تاغ يولىنى بويلاپ يۇقىرىغا ماڭغاندا، قۇم بوران دەستىدىن ئاپتوموبىلنىڭ دېرىزىلىرى ھىم ئېتىلگەن تەقدىردىمۇ توپا كىرىپ تۇراتتى. 40 نەچچە مىنۇت چايقىلىپ ماڭغاندىن كېيىن، چاڭ خۇڭبو ئەر-خوتۇن باشچىلىقىدىكى خالىس دىياگنوز قويۇش ئەترىتى تۇەن ئىشتابىدىن 40 نەچچە كلومېتىر يىراقلىقتىكى، دېڭىز يۈزىدىن 3 مىڭ 300 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان 1-ليەنگە يېتىپ كەلدى.
1- چارۋىچىلىق مەيدانىدا جەمئىي 8 ليەندۈي بار. بۇنىڭ ئىچىدە 4ى چارۋىچىلىق ليەنى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2 مىڭ 300 مېتىردىن 4 مىڭ 500 مېتىرغىچە بولغان ئارىلىقتا. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز ھەم سوغۇق بولغاننىڭ ئۈستىگە، تۇزلۇق ۋە گۆشلۈك ئوزۇقلىنىش ئادىتى قوشۇلۇپ، چارۋىچىلىق رايونىدىكى نۇرغۇن خىزمەتچى يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى ۋە رىماتىزملىق بوغۇق ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانىدى. تاغلىق رايوندا دوختۇر ۋە دورا كەمچىل بولغانلىقتىن، چاڭ خۇڭبو بىلەن چېڭ جيەنمېي ھەر بىر پەسىلدە بىر قېتىم خالىس كېسەل كۆرۈپ، كۆپچىلىككە دورىنى ھەقسىز تارقىتىپ بېرەتتى.
قارىداپ، ئورۇقلاپ كەتكەن چاڭ خۇڭبو ئاق خالات كىيىۋالمىغان بولسا، چارۋىچىلىق رايونىدىكى خىزمەتچىلەر ئارىسىدىن ئۇنى پەرقلەندۈرۈش تولىمۇ قىيىن بولاتتى. بەدەن ئېغىرلىقى، قان بېسىمىنى ئۆلچەش، ب تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش دېگەندەك ئىشلار بىلەن 50 خىزمەتچىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ بولغىچە، يېرىم كۈن ئۆتۈپ كەتتى.
بەزى خىزمەتچىلەرنىڭ يېشى چوڭ، تېنى ئاجىز بولغانلىقتىن سىرتقا چىقالمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن چۈشتە يەنە يايلاقتا قاتراپ يۈرۈپ، چارۋىچىلىق رايونىدىكى ياشانغان خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بىرمۇبىر كىرىپ كېسەل كۆردى.
بىر قانچە كۈندىن بۇيان، 55 ياشلىق بۇخەلچەم ئەيسانىڭ يۈرىكى بىئارام بولۇپ، بېشى قېيىپ تۇراتتى. چېڭ جيەنمېي ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ دورا بەرگەندىن كېيىن، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش تەكلىپى بەردى ھەم:- ھەدە، بۇنىڭدىن كېيىن بەكرەك دىققەت قىلىڭ. تاماقنى ئوبدان يەڭ، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋالماڭ، قان بېسىمىڭىز سەل يۇقىرىكەن، ــــ دېدى-دە، ئۇنىڭ قولىغا يەنە ئىككى بولاق دورىنى تۇتقۇزدى. بۇخەلچەم ئەيسا بېشىنى لىڭشىتقىنىچە، كۆزىگە ياش ئېلىپ مۇنداق دېدى:- ئۆتكەن قېتىم يۈرەك كېسىلىم قوزغىلىپ قالغاندا، چاڭ دوختۇرخانا باشلىقى بىلەن ئايالى ھالىمدىن 3 كېچە-كۈندۈز خەۋەر ئالدى. ئۇلار بولغاچقىلا، ھازىرغىچە ياشىيالىدىم.
بىر كۈن خالىس كېسەل كۆرۈپ، تاغدىن چۈشۈپ دوختۇرخانىغا كەلگەندە، ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى. بۇ چاغدا چارۋىچىلىق رايونىدىكى مەمەت ئاتاۋۇللا ھورى چىقىپ تۇرغان چۆچۈرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى يوقلاپ كەلدى. دوختۇرخانىدا بۇنداق مەنزىرىنى دائىم ئۇچراتقىلى بولاتتى. چارۋىچىلىق رايونىدىكى خىزمەتچىلەر چاڭ خۇڭبو ئەر-خوتۇننى شەپقەتچىسى، تۇغقىنى دەپ بىلىپ، ئۇلارغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ تۇراتتى. 1-چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ پېنسىيونېرى مەمەت ئاتاۋۇللابەردى مۇنداق دېدى: ــــ بىز ئاغرىپ قالساق ئۇلار داۋالىيالىغان بىلەن، ئۇلار ئاغرىپ قالسا بىز داۋالىيالمايمىز-دە. شۇڭا ئۇلارغا دائىم سالامەتلىكىڭلارنى ئاسراڭلار دەپ تۇرىمەن، بەزىدە پولو ياكى چۆچۈرە ئېلىپ كېلىمەن. تەكەللۇپ قىلغىنىم ئەمەس، ئەل-ئاغىنە دېگەن بىر-بىرىگە كۆيۈنۈپ تۇرۇشى كېرەكقۇ.
چاڭ خۇڭبو مۇنداق دېدى:- چارۋىچىلىق مەيدانىمىزدىكى خىزمەتچىلەر ياكى ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى ھەر قېتىم كېسىلى ساقايغاندىن كېيىن، ئۆيىدىن تۇخۇم، ياڭاق ياكى بىر قاچا تاماق ئېلىپ، رەھمەت ئېيتىپ كېلىدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ ئۇلارنىڭ ماڭا بەرگەن تەقدىرنامىسى، ئۆزۈمنى ئالىي شان-شەرەپكە ئېرىشكەندەك ھېس قىلىمەن.
تەرجىمان: نازىم
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى