قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىل 10 مىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى يولغا قويۇلىدۇ

2017-06-21 13:30:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مەملىكەتلىك يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە 10 مىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

 جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە 10 مىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر چېن باۋشېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
 ئۇقۇشىمچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلدىن باشلاپ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ، 10 مىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىچكىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى شىنجاڭ، شىزاڭغا بېرىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تەشكىللەپ، شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ،
 شىنجاڭ، شىزاڭ بىلەن ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەر سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن تەڭ بەھرىلىنىدىغان دائىملاشقان مېخانىزم ئورنىتىپ، شىنجاڭ، شىزاڭنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدىكەن. تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭ، شىزاڭغا يېڭىدىن 4000 ئوقۇتقۇچى ياردەمگە ئەۋەتىلىدىغان بولۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ياردەمگە ئەۋەتكەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئىش ئورنىدا پىراكتىكا قىلىۋاتقان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى قوشقاندا جەمئىي 5500 كىشىگە يېتىدىكەن.
 چېن باۋشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانى ۋە 10 مىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇشقا ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا يېتىش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش يۈكسەكلىكى، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا نەزەرى، شىنجاڭ، شىزاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىپ، ئىككى پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى تارىخىي يۆنىلىش تېپىپ چىقىش كېرەك.
 ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، شىنجاڭ، شىزاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىجادىي تەدبىر، شىنجاڭ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەلرايى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. تاللاپ ئەۋەتىشتە قاتتىق ئۆلچەم قويۇش، خىزمەتكە يۇقىرى تەلەپ قويۇش، ئىشلىتىشتە رىغبەتلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، باشقۇرۇشتا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، مۇلازىمەتتە ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق بەش مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، 10 مىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇشنىڭ ‹‹ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››ىنى تۇتاشتۇرۇش كېرەك.
 چېن باۋشېڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانىنى يولغا قويۇشنىڭ ‹‹ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››ىنى تۇتاشتۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، بىرىنچى قول رەھبەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانىنى بىرىنچى قول رەھبەر قۇرۇلۇشىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرىنچى قول رەھبەرنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئاساس قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈمىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئەمەلىي مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەڭ زور ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك. ئۈچىنچى، تۈزۈلمە، مېخانىزملارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىسلاھ قىلىش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى تۈزۈلمە، مېخانىزملاردىكى يېتەرسىزلىكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پېيىگە چۈشۈپ، داۋاملىق بېجىرىپ، ئاخىرغىچە تۈزىتىش كېرەك. تۆتىنچى، ئىلغار تىپلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېتەكلەش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭقۇر قېزىپ، ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، مۇلايىم، سۆيۈملۈك، ئىشەنچلىك، ئۈلگىلىك تىپلارنى تىكلەپ، ئىلغارلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئارقىدا قالغانلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. بەشىنچى، قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، سىنىپتا بالىلار كۆپ بولۇش، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش تەس بولۇش قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك.
 شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ شىنجاڭدا ئېچىلىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ئالاھىدە قوللايدىغانلىقىنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق – كومىتېتلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. مائارىپ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار پىلان، بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايون بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى قوللىشىنى شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ھەقىقىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق – كومىتېتلار، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىدە سۇبيېكتلىق رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىدۇ، بولۇپمۇ 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىنى تېخىمۇ كۆپ يېتىشتۈرۈپ، مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدۇ.
 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار سۈن جىنلۇڭ، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رېن لۇشىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى