قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر كۆپەيدى

2017-06-21 13:30:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىزخەۋىرى:
ياز پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر كۆپەيدى. مەنزىرە رايونىنىڭ يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق ماركىسىنى چۆرىدەپ تەبىئىي مىراس، يېزا ئىگىلىكىنى تاماشا قىلىش، فىلولوگىيە تارىخىغا چېتىلىدىغان پۈتۈن لىنىيەلىك ساياھەتنى پىلانلىماقتا.
بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھاۋاسى ئادەتتىن تاشقىرى ئىسىپ كەتتى. ناھىيە بازىرىدىن 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جامبۇلاق كىشىلەرنىڭ سالقىندايدىغان ماكانى بولۇپ قالدى. توي قىلغىنىغا ئۇنچە ئۇزۇن بولمىغان ۋاڭ لىياۋ ئايالىنى ۋە ئاتا- ئانىلىرىنى باشلاپ كىچىك چېغىدا دائىم بارىدىغان جامبۇلاق مەنزىرە رايونىغا يېتىپ كەلدى. يۇرتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالغاندا، ۋاڭ لىياۋ مۇنداق دېدى:- ھازىرقى جامبۇلاق ئىلگىرىكى جامبۇلاققا پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن. بۇ يەرنىڭ يۈرەشلەشكەن ئەسلىھەلىرى ناھايىتى كۆپ، كىشىگە مەنزىرە رايونىغا كەلگەندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن ھەم ياشلارنىڭ سۆرەتكە چۈشۈشىگە بەك ماس كېلىدىكەن.
جامبۇلاق ئەتىياز، ياز، قىش ۋە كۈز پەسلىدىن ئىبارەت تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا مۇشۇنداق گۈزەل بولىدۇ. تاغنىڭ ھەممىلا يېرى ياۋا گۈللەر بىلەن پۈركۈنىدۇ. يەنە قارلىق چوققا، بىپايان ئورمان، 10 مىڭ مولۇق بۇغدايزارلىق، تەڭرىتاغنىڭ غەلىتە دۆڭلىرى بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ. 2012- يىلى جامبۇلاق مەنزىرە رايونى 4 ئا دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى قاتارىغا كىرگەندىن كېيىن مەنزىرە رايونى يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتە زور كۈچ سەرپ قىلدى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، بىر مىليارت 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تەڭرىتاغدىكى بۇغدايزارلىق، بوشلۇقتىكى ئوتلاق قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى قايتىدىن ياساپ، مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى نەچچە مىليون ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، شۇ جاينىڭ يېمەك- ئىچمەك قاتارلىق مۇلازىمەت كەسپىىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. خېشىن ساياھەتچىلىك يېمەك- ئىچمەك باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇل خادىمى ليۇ جىيۈن مۇنداق دېدى:- يېمەك- ئىچمەك تىجارىتىمۇ ئاستا- ئاستا ياخشى بولۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ھەپتە ئاخىرىسىدا ساياھەتكە كېلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، تىجارىتىمىز يىلدىن- يىلغا ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.
جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ نامىنىڭ تارقىلىشى بىلەن ئۇ يەنە قەدىمىي شەھەر گۇچۇڭنىڭ مۇلازىمەت كەسپىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ناھىيە بازىرىدىكى مېھمانسارايلارنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى 22 مىڭ كارىۋاتقا يەتتى. گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ما شۈدۇڭنىڭ نەزىرىدە، بۇنىڭلىق بىلەن چەكلىنىپ قىلىشقا بولمايتتى. گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق ماركىسىنى چۆرىدەپ، بۇ يىل 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي قىسىمدا دۇنيا تەبىئىي مىراس مەنزىرە رايونى، ئوتتۇرا قىسىمدا زامانىۋىي يېزا ئىگىلىك ئېتىزلىق مەنزىرە رايونى، قەدىمىي شەھەر فىلولوگىيە تارىخى مەنزىرە رايونى ۋە شىمالىي قىسىمدا تارىخىي مەدەنىيەت مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى پىلانلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- بۇ يىلدىن كېلەر يىلىغىچە بىز جەزمەن جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنى بەش ئا دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز. جامبۇلاقنى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ بىر موتورى دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما، موتور بولغان بىلەنلا بولمايدۇ، يەنە تەگلىك بولۇش كېرەك. قاتتىق دېتال شارائىتىنى ياخشىلاپ، ياخشى كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش كېرەك. ھازىر گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ پۈتۈن لىنىيەدىكى ساياھەتچىلىكى ئومۇمىيۈزلۈك ئېچىۋېتىلدى.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى