قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئۇستىقۇددۇس ھىدىغا پۈركەنگەن قورغاس

2017-07-07 18:02:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
گۈزەل ئىلى ۋادىسىدىكى قورغاس ناھىيەسىدە ھەر يىلى 6- ئايدا قويۇق ئۆسكەن سۆسۈن رەڭلىك ئۇستىقۇددۇس ۋە ئۇنىڭ خۇش ھىدى بۇ ناھىيەنى تېخىمۇ جەلپكار قىلىۋېتىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەردىن، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ جاي - جايلىرىدىن قورغاس ناھىيەسىگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ. ئۇلار ئۇستىقۇددۇسلۇقتا رەڭگا- رەڭ گۈللۈك شارپىلارنى ئۈستىگە ئارتىپ ئۇسسۇل ئويناپ ياكى خاتىرە سۆرەتكە چۈشۈپ، قەلبىدىكى خوشاللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. تەبىئەت قوينىدىكى بۇ ئۆزگىچە مەنزىرە فوتو سۆرەت ھەۋەسكارلىرى، شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامىنى ئۇرغۇتۇپ، ئېسىل ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.
قورغاس ناھىيەسى بۇ يىل 6- ئاينىڭ 17- كۈنى شىنجاڭ قورغاس 7- نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇستىقۇددۇس خەلقئارا ساياھەت بايرىمىنى پۇختا تەييارلىق ۋە مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر بىلەن داغدۇغىلىق باشلىدى. بۇ قېتىمقى ساياھەت بايرىمى 10-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ. قورغاس ناھىيەسىدىكى سۆسۈن رەڭلىك ئۇستىقۇددۇسنىڭ خۇشبۇي ھىدىدىن بەھىرلىنىش ساياھىتى، كۆرە قەدىمكى شەھىرى مىللىي ئۆرۈپ- ئادەت ساياھىتى، نوكەي قۇملۇقىدا ئۆتكۈزىلىدىغان قۇملۇق دالا ئاپتۇموبىلى مۇسابىقىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ساياھەتچىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ.
شىنجىندىن كەلگەن سۇيەن خانىم مۇنداق دېدى:مەن بىر فوتو سۆرەت ھەۋەسكارىنىڭ قورغاستىكى ئۇستىقۇددۇس دېھقانچىلىق مەيدانى تونۇشتۇرۇلغان سۆرەتلىك خەۋىرىنى توردا كۆرگەندىن كېيىن، بۇ يەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كېلىش مەقسىدىدە شىنجاڭغا كەلدىم، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ھەقىقەتەن بەك گۈزەلكەن، مەنزىرە نوقتىلىرىمۇ شۇنداق كۆپ ئىكەن! ئۇستىقۇددۇستىن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ ئىكەن، باھاسىمۇ ئەرزانكەن. پۇرسەت بولسا كېلەر يىلى بۇ بايرامغا يەنە كېلىشنى ئويلاۋاتىمەن.
@  ئېگىلىنىشىچە، قورغاس ناھىيەسىدە20- ئەسىرنىڭ60- يىللىرىدىلا ئۇستىقۇددۇس تېرىقچىلىقى باشلانغان. ھازىر بۇ ناھىيەدىكى ئستىقۇددۇس تېرىلغۇ كۆلۈمى 30 مىڭ مودىن ئېشىپ، ئېلىمىزدىكى ئۇستىقۇددۇس تېرىلغۇ كۆلۈمىنىڭ 90% تىن كۆپرەكىنى، ئۇستىقۇددۇستىن ئشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ مىقدارى مەملىكىتىمىزدىكى ئومومىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %95 تىن كۆپرەگىنى ئىگىلىگەن. قورغاس ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇستىقۇددۇس كەسپى بىلەن ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مېڭىپ، ئۇستىقۇددۇس مەھسۇلاتلىرى بويىچە دڭلىق ماركا يارىتىش قەدىمىنى ئۆزلۈكسىز تېزلىتىپ، ئۇستىقۇددۇس كەسپىنى  ناھىيە ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تۈۋرۈكلۈك كەسىپكە ئايلاندۇرغان.
قورغاس ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ماجىجۈن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئۇستىقۇددۇس تېرىغان دېھقانلىرىمىزنىڭ مو بېشى ساپ كىرىمى 3000 يۈەندىن ئاشتى، ئەڭ يۇقۇرى بولغانلىرىنىڭ 5000يۇەندىن 6000 يۈەنگىچە بولدى. باشقا زىرائەتلەرنى تېرىپ بۇنداق يۇقۇرى كىرىم قىلىش تەس. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر قورغاس ناھىيەسىدە كۈتىۋېلىنغان ساياھەتچى بىر مىليون 280 مىڭ  قېتىمغا يېتىپ، 2015-يىلدىكىدىن%18 ئاشقان، ساياھەت ئۇنىۋېرسال كىرىمى بىر مىليارت 350 مىليون يۈەنگە يەتكەن. نۆۋەتتە قورغاس ناھىيەسىدە جانلىنىۋاتقان «سۆسۈنرەڭ ئىقتىساد» شۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىۋاتىدۇ.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى