قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

  «ماشبۇلاق سۇ ئامبىرى ساياھەت نوقتىسى

2017-07-07 18:07:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
 «مۇقام يۇرتى، بادام ماكانى» دەپ ئاتالغان يەكەنگە كەلسىڭىز، ماشبۇلاق سۇ ئامبىرى ساياھەت باغچىسىنى كۆرمىسىڭىز يەكەنگە كەلگەندەك بولمايسىز. يەكەن ماشبۇلاق سۇ ئامبىرى ساياھەت باغچىسى ئودانلىق يېزىسى بىلەن ئىشقۇل يېزىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئون نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. ئامبار رايونىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى ساپ، ئەتراپى كەڭرى كەتكەن قومۇشلۇق، سازلىق، قۇملۇق بىلەن قورشالغان بولغاچقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن ساياھەتچىلەر ۋە فوتوگرافلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. ماشبۇلاق سۇ ئامبىرىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپى ئودانلىق يېزىسىنىڭ خانكۆۋرۈك، قوشئاۋات، راۋاتئۆستەڭ، ئىشقۇل يېزىسىنىڭ شىرىپخانا كەنتلىرى بىلەن، غەربىي قىسمى چارەك بازىرىنىڭ قورغان، لايدان كەنتلىرى بىلەن، شىمالىي قىسمى ئىشقۇل يېزىسىنىڭ توغرا ئۆستەڭ كەنتى بىلەن تۇتىشىدۇ.
ئامبار قۇرۇلۇشى 1971-يىلى 10-ئايدا باشلىنىپ، 1974-يىلى پۈتكەن. ئامبارنىڭ جايلاشقان ئورنى سازلىق ھەم قىسمەن قۇملۇق بولۇپ، سازلىقلاردىكى تەبىئىي بۇلاقلارنىڭ كۆپلۈكىگە ئاساسەن «ماشبۇلاق» دەپ ئاتالغان. ئامبار قۇرۇلۇشى باشلانغاندا «شەرق قىزاردى سۇ ئامبىرى» دەپمۇ ئاتىلىپ، 1984-يىلى بۇ نام ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ھازىرقى نام قوللىنىلغان.
 ئامبار يەر شەكلىگە ئاساسەن باش ئامبار، ئاياغ ئامبار دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن. ئامبار دامبىسىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 25 كىلومېتىر، دامبىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى سەككىز مېتىر، دامبا يۈزىنىڭ ئوتتۇرىچە كەڭلىكى يەتتە مېتىر، ئامبارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 35 مىڭ مو، سۇ يۈزىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 30 مىڭ مو، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى بەش مېتىر، ئەڭ چوڭ سۇ سىغىمچانلىقى 50 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ تومئۆستەڭ، ئودانلىق، ئىشقۇلدىن ئىبارەت يېزا - بازارلارنىڭ ۋە ناھىيەلىك سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىنىڭ 150 مىڭ مو تېرىلغۇ يېرىنى سۇغىرىدۇ.
 دامبا قۇرۇلمىسى توپا قۇرۇلمىلىق بولۇپ، دامبىنىڭ ئىچى، يۈزى ۋە ئۈستى بېتون بىلەن قاتۇرۇلغان. ئامبارغا «تاۋغاز ئۆستىڭى»دىن سۇ كىرىپ، خاڭدى ئۆستىڭىگە چىقىرىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ماشبۇلاق سۇ ئامبىرى ساياھەت باغچىسىنىڭ قاتتىق دېتال شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، غىزالىنىشى ئۈچۈن ئەۋزەل شارائىتلار ھازىرلاندى. ھازىر بۇ باغچە يەكەن ناھىيەسىدىكى مۇھىم ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى