قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 سوغۇچاق سۇ ئامبىرى ئىستىراھەت باغچىسى

2017-07-07 18:09:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
سۇغۇچاق سۇ ئامبىرى ئىستىراھەت باغچىسى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ بازىرى تەۋەسىدە بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 38 كىلومېتر كېلىدۇ. شەرقى جەنۇپ تەرىپى ئېلىشقۇ بازىرى بىلەن، غەربى شىمال قىسمى بۇغرا قۇم چۆللىكى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئامبار قۇرۇلىشىدا 1974- يىلى ئىش باشلىنىپ، 1984- يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ ئامبارنىڭ سۈيى بىلەن مارالبېشى، مەكىت، يوپۇرغا ناھىيەلىرىنىڭ بىر قىسىم يېزا- بازارلىرى، بىيلو دېھقانچىلىق مەيدانى، يېزا ئىگىلىك 3- شىسى43 - تۈەنىنىڭ بىر قىسمى ۋە يەكەن ناھىيەسىنىڭ بوز يەر رايۇنى بولۇپ 800 مىڭ مودىن كۆپرەك تېرىلغۇ يەر سۇغۇرىلىدۇ.
-        شۇ يەردە ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن كىشىلەر ياغاچ سوغا ئارقىلىق سۇ توشۇيدىكەن، ئامبار پۈتكەندە  ئامما خوشاللىقىدىن سوغا چېلەكلىرىنى چېقىۋەتكەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئامبارنىڭ نامى «سوغىنى چاق» دېگەن مەنىدە «سوغۇچاق»بولۇپ ئۆزگەرگەن ئىكەن. يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى بۇ جايدا سوغىچاق گۈلى كۆپ ئۆسكەن  بولغاچقا، ئامبار نامى مۇشۇ گۈلنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئىكەن.
@ سۇ ئامبىرى كەڭ كەتكەن دەريا يولى شەكىللەندۈرگەن ئويمانلىق شەكلىدە، شەرق، غەرپ تەرەپلىرىدە بەش مېتردىن ئون مېترغىچە كېلىدىغان كۆچمە قۇم دۆڭلۈكى بار. دامبا قۇرۇلىشى قۇم دۆڭلىكىنى بىر- بىرىگە ئۇلاپ، سۇ ئامبىرىنىڭ دائىرىسىنى ھاسىل قىلغان. ئومومىي كۆلۈمى 46 كۇۋادرات كىلومېتر، دامبىنىڭ ئۇزۇنلىقى 21.4 كىلومېتر، ئامبارنىڭ لايىھەدىكى سۇ سىغىمچانلىقى 160 مىليون كۇب مېتر، سۇ كىرىش ئۆستىڭى، سۇ چىقىرىش ئۆستىڭى، زەي قاچۇرۇش ئۆستىڭىنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلىقى 270 كىلومېتر كېلىدۇ.سوغۇچاق سۇ ئامبىرى ئىستىراھەت باغچىسى تەبىئىي ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشى قوغدالغانلىقى، سۇلۇق، سازلىق، قۇمۇشلۇق، جاڭگاللىق، قۇملۇقتىن ئىبارەت تەبىئىي مەنزىرىلەرنىڭ گارمونىك گىرەلىشىپ كەتكەنلىكى، سۇ قۇشلىرى، ياۋا گۈللەر چۆل ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ئامبارغا كىرىش يولىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئادەم بويى ئۆسكەن بۈككىدە قۇمۇشلۇقلىرى بىلەن ساياھەتچىلەر ۋە فوتوگرافلارنى جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى