قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتلاق، سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2017-07-11 14:12:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لۇ خاۋ گۇرۇپپا باشلىقلىقىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتلاق، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 7- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
  لۇ خاۋ دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ نىزام چىقىرىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى؛ سېلىنمىنى زورايتىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئوتلاق، سۇلۇق يەرلەرنى قوغداپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى؛ «ئوتلاق قانۇنى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئوتلاق، سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش ۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىمىز ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر- تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك نىزاملارغا يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جاڭ باۋشۇن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ۋاڭ چىڭشى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جياڭ جۇاڭدې ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر يىغىنغا قاتناشتى.
  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىنام نەسىردىن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماغاۋ سېيىتقامزا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتلاق، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى، چارۋىچىلىق نازارىتى، سۇچىلىق نازارىتى، ئورمانچىلىق نازارىتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى