قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2017-07-11 14:14:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇخبىرىمىز سۈي يۈنيەن، پىراكتىكانت ئانار خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەكلىپ كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى گەن يىشېڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ، «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈش»كە ئالاقىدار نۇقتىلىق تەكلىپلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلدى، 7- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.
  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن يىغىندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ «يۇمشاق تەلەپ»تىن «قاتتىق قائىدە»گە ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كونكرېت ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈردى ھەم قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيە ئەمەلىيىتىنى كۈچەيتىش، قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
  گەن يىشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، 46 پارچە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ يىل مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتى «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈش»كە ئالاقىدار تەكلىپلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى داۋاملىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش مۇساپىسىدە، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈش خىزمىتىنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەدبىردە كۈچلۈك بولۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى بىلەن سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەخلاق قۇرۇلۇشى بىلەن قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىشلەپ، زور ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئىگىلىدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىدە ئىگىلىگەن ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى رەتلەپ، ئىنچىكە ئايرىپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چارە- تەدبىر كۆرسىتىدۇ.
  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چېڭ جېنشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تيەن جيې، ليۇ چۈەنشېڭ، خۇ لىڭيۈن، خۇڭ تيەنخۇي قاتارلىق ئەزالىرى سۆھبەت يىغىنىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قاتناشتى.
  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن- تۈزۈم ئىشخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى