قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەتلىك 28 نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدار رايونىدىكى ناھىيە(شەھەر)لەرنىڭ كەسپىنى پاسسىپ تىزىملىككە كىرگۈزۈش (نۇقتىدا سىناق قىلىش)توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى بېسىپ تارقاتتى

2017-07-12 18:20:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىىتىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەتلىك 28 نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدار رايونىدىكى ناھىيە(شەھەر)لەرنىڭ كەسپىنى پاسسىپ تىزىملىككە كىرگۈزۈش (نۇقتىدا سىناق قىلىش)توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى بېسىپ تارقاتتى. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەتلىك 28 نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدار رايونىدىكى ناھىيە(شەھەر)لەر ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 6 ۋىلايەت، ئوبلاستقا تارقالغان بولۇپ، ئاساسىي ئىقتىدار رايونىنىڭ تۈرلىرى سۇ مەنبەسىنى يېتىشتۈرۈش، بوراندىن مۇداپىئە كۆرۈپ قۇم تۇراقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت 2 تۈرگە ئايرىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە سۇ مەنبەسىنى يېتىشتۈرۈش تىپىدىكى ئىقتىدار رايونىدىكى ناھىيە(شەھەر)لەر 7 گە يېتىپ، ئالتاي ۋىلايىتىگە تەۋە بولغان؛ بوراندىن مۇداپىئە كۆرۈپ قۇم تۇراقلاشتۇرۇش تىپىدىكى ئىقتىدار رايونىدىكى ناھىيە(شەھەر)لەر 21گە يېتىپ، ئايرىم ھالدا قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا تارقالغان. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدار رايونلىرىنىڭ كەسپىنى پاسسىپ تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى تۈزۈپ يولغا قويۇش چارىسى» ۋە پاسسىپ تىزىملىك تېخنىكىسىنى تەكشۈرۈش تەلىپى بويىچە، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلقچىلىق كەسپى قاتارلىق كەسىپلەر پاسسىپ تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدىكەن.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى