ئەتىرنىڭ ئىسپىرت تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا، ئاسان ئۇچۇپ كېتىدۇ، ئەگەر ئەتىرنىڭ ئۇچۇپ كېتىشىدىن ساقلانماقچى بولسىڭىز، ساقلاش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.
1.يورۇقلۇقنىڭ بىۋاسىتە چۈشۈشى ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ساقلىنىپ، رەڭگى ۋە پۇرىقىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
2.ئەتىر قۇتىسىنى دۈم قويۇش كېرەك. ئەتىر قۇتىسىنىڭ ئاغزى ھەرقانچە چىڭ ئېتىلگەن بولسىمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن يەنىلا ئۇچۇپ كېتىدۇ، ئادەتتە ئىنچىكە نەيچە پۈركۈش ئېغىزى بىلەن قۇتىنىڭ ئاستىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، قۇتا ئىچىدىكى ھاۋا بېسىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، قۇتىنىڭ ئاستىدىكى ئەتىر ئاستا – ئاستا نەيچە بويلاپ يۇقىرى ئۆرلەپ، پۈركۈش ئېغىزى ئارقىلىق سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ. ئەگەر دۈم كۆمتۈرۈپ قويساق، پۈركۈش ئېغىزىدىكى ئەتىر ئۇچۇپ تۈگىگەندىن كېيىن قۇتىنىڭ ئاستىدا ئەتىر بولمىغاچقا، ئۇچۇشمۇ توختايدۇ.
3.ئەتىر ئىمكانقەدەر قۇتىدا لىق تۇرۇشى كېرەك. يەنى قۇتىدىكى ئەتىر ئاز قالغاندا، ئۇنى كىچىكرەك قۇتىغا يۆتكەپ، قۇتىدىكى ھاۋانى ئازايتىش كېرەك، بۇنىڭدا ھاۋانىڭ ئەتىرنى ئوكسىدلاش رولى ئاجىزلاپ، ئەتىرنىڭ قويۇقلۇقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
كېرەمجان ئىبراھىم تەرجىمىسى
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-04-22 |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-04-21 |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-04-20 |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-04-19 |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-04-18 |
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492 ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى |