قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قېتىق ئىچىپمۇ ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ

2017-07-13 18:58:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە، قېتىق تەركىبىدە ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنى ياخشىلايدىغان، قورساق كۆپۈش، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان زەمبۇرۇغ بار بولۇپ، قورساقنى كىچىكلىتىشكە پايدىسى بار ئىكەن. قېتىق ئىچىپ ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيىتى ۋە ئىچىش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:
ھەر كۈنى ئەتتىگەندە بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئىچىش، ئاندىن بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىش، ئارقىدىن قېتىق ئىچىش ئۇنىڭدىن كېيىن ئازىراق نان يەۋېتىش كېرەك. چۈش، ئەگەر قورساق بەك ئېچىپ كەتكەن بولسا، ئاۋۋال تاماق يەۋېلىش، ئاندىن قېتىق ئىچىش، چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 لەردە يەنە بىر ئىستاكان قېتىق ئىچىش كېرەك. كەچ، تاماقتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ياكى شورپا ئىچىۋېلىش، يېشىل كۆكتاتلارنى ياكى توخۇ، بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىش، ئارقىدىن بىر ئىستاكان قېتىق ئىچىش لازىم. ئەگەر قورساق بەك ئېچىپ كەتسە مېۋە يېيىش كېرەك.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى