قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 جياڭشى ئۆلكىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بەردى

2017-07-13 19:01:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، جياڭشى ئۆلكىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بەردى. جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شىتابى يەرلىكتىكى ئېشىنچە ئەمگەكچىلەرنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ئېشىنچە ئەمگەكچىلەرنىڭ ياش قۇرۇلمىسى، تېخنىكا ماھارىتى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى قاتارلىقلارنى بىر تۇتاش تىزىمغا ئېلىپ ئارخىپ تۇرغۇزدى.ئىلغار تىپلارنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ھازىرغىچە، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى 4 مىڭ 349 كىشى ئىچكىرىي ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى. بۇلتۇر، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ئەمگەك ئىشلىرى بويىچە يارىتىلغان كىرىم كىشى بېشىغا 30 مىڭ يۈەندىن توغرا كەلدى.
يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جياڭشى ئۆلكىسى جەمئىي 77 مىليون 80 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى، پىراكتىكا بازىسى، ئەمگەك كاپالىتى مۇلازىمەت سۇپىسى، ئىچكىرىي ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشلەش مۇلازىمەت پونكىتى قاتارلىق مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق قوللىدى. تىل ئۆتكىلى، تېخنىكا ئۆتكىلى، ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا، ئەمگەك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنى تېخنىكا ئىگىلەش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى