قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

روزىمەمەت باقى مەملىكەتلىك نېفىت تېخنىكىسى ماھىرىغا، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ تېخنىكا مۇتەخەسسىسىگە ئايلاندى

2017-07-13 19:19:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
  شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى ئېغىر نېفىت ئېلىش شىركىتى نېفىت ئېلىش 5- مەشغۇلات رايونى 6- بەنىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، روزىمەمەت باقى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، خىزمەتداشلىرى بىلەن يېقىندىن ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئېغىزمۇ خەنزۇ تىلى بىلمەيدىغان خوتەنلىك بالىدىن مەملىكەتلىك نېفىت تېخنىكىسى ماھىرىغا، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ تېخنىكا مۇتەخەسسىسىگە ئايلاندى. 6- ئاينىڭ 30- كۈنى، مەملىكەت بويىچە لېكسىيە سۆزلەشنى ئاخىرلاشتۇرغان مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى روزىمەمەت باقى ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ بۇ قېتىمقى «نېفىت روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قايتا ياخشى ئوبراز تىكلەش» تېمىسىدىكى مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى-- بېيجىڭ، جياڭشى، يۈننەن، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردا 10 مەيدان ئۆتكۈزۈلۈپ، جەمئىي 20 نەچچە كۈن داۋاملاشتى. روزىمەمەت باقى مۇنداق دېدى: ئۆزۈمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىم ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش؛ ئۇلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، شۇنداقلا ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۈيۈش ئۈلگىلىرىدىن بولۇشقا ئۈندەشنى ئۈمىد قىلىمەن.
1991- يىلى 7- ئايدا، خوتەن ناھىيەسى باغچى يېزىسى كاسپىي كەنتىدىكى 15 ياشلىق روزىمەمەت باقى قاراماي نېفىت تېخنىكا مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىپ، ناھىيەدىكى دېقان بولۇشتىن قۇتۇلغان تۇنجى «تەلەي ئىگىسى» گە ئايلاندى. 3 يىلدىن كېيىن، ئۇ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، ئېغىر نېفىت ئېلىش شىركىتىگە تەقسىم قىلىنىپ، نېفىت ئېشچىسى بولدى. خىزمەت ئورنىغا بارغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، تىل مەسىلىسى-- ئۇنى تېخنىكا ئۆگىنىشتىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىققا دۇچار قىلدى. بەختكە يارىشا، خىزمەتداشلىرىنىڭ ياردىمىدە، روزىمەمەت باقى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، 3 يىلدىن كېيىن، خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى 8- دەرىجىگە يەتكۈزدى. تېخنىكا سەۋىيەسىمۇ تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ تېخنىكا مۇتەخەسسىسىسگە ئايلاندى.
 2006- يىلى روزىمەمەت باقى «يۇلغۇن نېفىت تورى» نى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت نېفىت ئىشچىلىرى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى نېفىت ئىشچىلىرى ئۈچۈن، ئۆز - ئارا تېخنىكا ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماتىرىياللاردىن تەڭ پايدىلىنىش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى. بۇ يىل 3- ئايدا، ئۇ يەنە «يۇلغۇن نېفىت تورى» نىڭ يان تېلېفون نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. كېيىنكى قەدەمدە، روزىمەمەت باقى «يۇلغۇن نېفىت تورى»نىڭ يان تېلېفون نۇسخىسىنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشنى پىلانلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: نېفىت ئېلىش ماشىنىسىنى قوزغىتىش ياكى توختىتىش تېخنىكىسىنى مېسالغا ئالساق، بۇ تۈردىكى مەشغۇلاتنى ئۆگىنىشنى خالايدىغانلار ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاش ئارقىلىق، ئۆگەنسە بولىدۇ.
 1994- يىلى خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، روزىمەمەت باقى مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى»، مەملىكەت بويىچە تېخنىكا ماھىرى قاتارلىق ئۆلكە ۋە مىنىستىرلىق دەرىجىلىك شان - شەرەپتىن 20 تۈرلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 45 تۈرلۈك شەرەپكە نائىل بولدى. روزىمەمەت باقى مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، باشقىلاردىن كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشكەن ئىكەنمەن، مۇشۇ يىللاردىن بۇيان ئۆگەنگەن بىلىملىرىمنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشىم كېرەك، ئەلۋەتتە. 
 
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى