قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياشانغانلار بەدەندە كۆرۈلگەن «سېگنال» غا سەل قارىماسلىق كېرەك

2017-07-13 19:40:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يېمەكلىكلەرنىڭ بەدەنگە سىڭىشى ئاستىلاپ، يېمەكلىكتىك ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدەنگە قۇبۇل قىلىنىشى تەسكە توختايدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ خىزمەت ئىقتىدارى چېكىنگەچكە، ياشانغانلاردا تۈرلۈك سوزۇلما كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ياشانغاندا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئېغىرلاشقاندا، بەدەن بىر قاتار «سېگنال» لارنى بېرىشكە باشلايدۇ.
چاچ قۇرغاقلىشىش، چاچ تېلى ئىنچىكىلىشىپ ئاسان ئۈزۈلۈش، چاچ چۈشۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ بىر قاتار ئالامەتلىرى، ئاقسىل، قەنت، زۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسى، مىكرو ئېلمېنتلاردىن سىنىك كەم بولغاندا مۇشۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن.
كۆز قۇرغاقلاشسا، ئاخشىمى كۆرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلىسە ۋىتامىن ئا؛ تىل ياللۇغلانسا، يېرىلسا، تىلدا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولسا ۋىتامىن ب؛ چىش مىلىكى قانىسا، ئىششىپ قالسا ۋىتامىن س كەملىكنىڭ ئىپادىلىرى ھېسابلىنىدۇ؛ بەدەندە سىنىك كەم بولسا تەم سەزگۈسى چېكىنىدۇ؛ ئېغىز ئەتراپى قۇرۇپ، ئاسان يېرىلسا ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن رىبوفلاۋىن بىلەن نىكوتىنىك كىسلاتانىڭ كەملىكىنىڭ بىشارىتى.
تېرە قۇرغاقلىشىپ، يىرىكلىشىپ كەتسا «ۋىتامىن ئا »بىلەن زۆرۈر ياغ كىسلاتاسىنىڭ كەملىكىنىڭ ئىپادىسى. تېرىگە كۆك چۈشۈپ قالسا «ۋىتامىن س» بىلەن «ۋىتامىن ك »نىڭ كەملىكىنىڭ ئىپادىسى. يارا ئېغىزى ئاسان ساقايمىسا سىنىك، ئاقسىل، «ۋىتامىن س» كەملىكنىڭ ئىپادىسى.
تېرىگە قوتۇر، ئەسۋە كۆپ چىقسا نىكوتىنىك كىسلاتانىڭ كەملىكىنىڭ ئىپادىسى. بەدەندە دوك بولۇش، سۆڭەك بوشىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە «ۋىتامىن د» بىلەن كالتىسى كەملىكنىڭ ئىىپادىسى. پۇت- قولدا غەيرىلىك كۆرۈلۈپ، ھەرىكەت قىلغاندا ماغدۇرسىزلىنىش ھىس قىلسا چوقۇم «ۋىتامىن ب» تولۇقلاش كېرەك. مۇسكۇل كىرىشىش ئالامىتى كۆرۈلسە، ئاقسىلنىڭ قۇبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ياشانغانلار كۈندىلىك تاماققا دېققەت قىلغاندىن باشقا، كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشى، مۇھىمى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. چۈنكى ئوزۇقلۇق ماددىلار تولۇق بولغاندا بەدەننىڭ ئېممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر ياشانغانلاردا نېمىلا يىسە سىڭمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى زۆرۈر.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى