قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازىرى يۇقارقى سات كەنتىدىكى قوش تىل يەسلىنىڭ 2- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئابدۇۋەلى تۇرسۇن بەختكە قارىتا ئۆزگىچە قاراشقا ئىگە

2017-07-14 19:09:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
بالىلارنىڭ نەزىرىدە بەخت دېگەن نىمە؟ ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازىرى يۇقارقى سات كەنتىدىكى قوش تىل يەسلىنىڭ 2- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئابدۇۋەلى تۇرسۇن بەختكە قارىتا ئۆزگىچە قاراشقا ئىگە.
مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى ئابدۇۋەلى تۇرسۇننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن قوش تىلدا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تېز تېمپىدا خەنزۇچە ماھارەت كۆرسىتىشنى ئۆگەتكەن بولۇپ، مۇسابىقىدىن كېيىنمۇ ئابدۇۋەلى تۇرسۇن تېز تېمپىنى قولىدىن چۈشۈرمەي، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەھنىسىدىكى ئاساسلىق ئارتىس بولۇپ قېلىپ كەنتتىكىلەرگە دائىم ئويۇن قويۇپ بەردى.
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن دەسلەپتە تېز تېمپا ئۇرۇشنى مەشىق قىلغاندا قوللىرى كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما، ئابدۇۋۇلى تۇرسۇن تېز تېمپا ئۇرۇشنى ياخشى كۆرىمەن، قۇلۇم ئاغرىسا مەيلى، دەپ ئىزچىل ئۆگەندى. ئۇنىڭ دادىسى تۇرسۇن ئەمىر مۇنداق دېدى:- مەيلى كىملا ئۇنى تېز تېمپىدا ماھارەت كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلسا ئۇ قىزغىنلىق بىلەن بارىدۇ. يەنە بەزى بالىلارنىڭمۇ ئۇنىڭدىن ئۆگەنگىسى كەلدى. ئاتا- ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز بالىلارغا ئۇتتۇرۇپ قويساق بولمايدۇ، بىز خەنزۇچىنى ياخشى ئۆگەنسەك كېيىنچە ئۇنىڭغا ياردەم قىلالايمىز.
ھازىر كەنتتە مەيلى چوڭلار ياكى بالىلار بولسۇن تېز تېمپا بىلەن خەنزۇ تىلىدا ماھارەت كۆرسىتىدىغان كىچىك چولپان ئابدۇۋەلى تۇرسۇننى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:- مۇئەللىم بىزگە خەنزۇچە بالىلار ناخشىسى ئېيتىشنى ئۆگىتىدۇ، خەنزۇچە سۆزلەرنى ئۆگىتىدۇ. نىمىنى ئۇچراتسا شۇنى خەنزۇچە چۈشەندۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەن خەنزۇچىنى ئۆگىنىۋالدىم. مەن خەنزۇچە ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىمەن.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى