قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 11 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن

2017-07-14 17:31:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، ئىچكىردىكى كەسپىي سىنىپلارغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى يەنىلا 9880ۋە 3300 قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى كۆلەم ساقلانغان. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 11 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن جەمئىي قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى 24 مىڭ 180 بولىدىكەن.ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىردىكى كەسپىي سىنىپلارغا بىر تۇتاش ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. بۇ يىل ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تىزىملاتقانلار 48 مىڭ 96 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچى 43 مىڭ 60 ئىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتىن 31 مىڭ 863 ئوقۇغۇچى تىزىملاتقان بولۇپ، تىزىملاتقانلارنىڭ ئومۇمىي سانى  بۇلتۇرقىدىن 3602  نەپەر كۆپ بولغان؛ ئىچكىردىكى كەسپىي سىنىپلارغا 15 مىڭ 658 ئوقۇغۇچى تىزىملاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچى 11 مىڭ 35 ئىكەن، بىرلا ۋاقىتتا ئىچكىردىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا تىزىملاتقانلار 2526 بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 1085 نەپەر كۆپ بولغان؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تىزىملاتقانلار 57 مىڭ 982 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچى 51 مىڭ 449 ئىكەن.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى