قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنماي قالغان ئوقۇغۇچىلار ئورۇندالمىغان پىلانغا توردا جەمئىي بەش قېتىم تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرىدۇ

2017-07-14 17:32:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنماي قالغان ئوقۇغۇچىلار 7-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئورۇندالمىغان پىلانغا توردا جەمئىي بەش قېتىم تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرىدۇ. ئىگىلىنىشچە، بىرىنجى قېتىملىق تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 7 -ئاينىڭ 13 -كۈنى سائەت 8:00 دىن 18:00 گىچە ۋە 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 8:00 دىن18:00 گىچە بولۇپ، خەنزۇ تىل - يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر، مىللىي تىل - يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەر، «قوش تىل» سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى، موڭغۇل تىل - يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ تولۇق كۇرس ئالدىن قوبۇل قىلىش تۈركۈمى ۋە تولۇق كۇرس 1 -تۈركۈم نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش پىلانى قاتارلىقلارنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانلىرىغا تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرۇلىدىكەن. 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 8:00 دىن 18:00 گىچە؛ 8- ئاينىڭ 6 - كۈنى، 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى،  8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى،  8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى،  8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سائەت 8:00 دىن 18:00 گىچە 2 -، 3 -، 4 -، 5 - قېتىم يۇقىرىقى تۈركۈم ۋە پىلانلار بويىچە ئورۇندالمىغان پىلانغا تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرۇلىدىكەن. تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرۇش نەتىجىسى ھەر كۈنى سائەت 20 دە ئېلان قىلىنىدىكەن، تەپسىلىي ئەھۋاللارنى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى