ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئانا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ

2017-07-14 17:37:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ما جىگو

ھەممىمىزگە مەلۇم، بالىلارنى ھەددىدىن زىيادە چىڭ تۇتۇش ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. كۆپ قىسىم كىشلەرنىڭ قارىشىچە، ياخشى ئانا بولۇش ئۈچۈن چوقۇم بالىلارغا مىننەتسىز مېھىر -مۇھەببەت، بەخت ئاتا قىلالايدىغان، كۈچلۈك ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ئۈمىد بېغىشلىيالايدىغان بولۇش بىلەن بىرگە تۇرمۇشتا پىشقان بولۇشى كېرەك. تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇنداق« ياخشى ئانا» لارمۇ بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پاسسىپ تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن. چۈنكى، بۇنداق ئانىلارنىڭ تەربىيەسىنىڭ ئىزچىللىقى يوق، ئەمەلىيەتچانلىقى تۆۋەن ئىكەن. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن تەربىيەلا بالىلارغا ئەڭ ياخشى نەپ بېرەلەيدۇ.
بىر ئانا بالىسىنى تاماق يېيىشكە كۆندۈرۈش ئۈچۈن تامىقىغا كۈندە شېكەر سېلىپ بېرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالا ھەر قېتىملىق تاماقتا شېكەردىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇ بالا بىر ياشلارغا كىرگەندە ئانىسى بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بالىسىنىڭ تامىقىغا شېكەر سالمايدىغان بوپتۇ، لېكىن بالىسى تاماقتىن يېگىلى ئۇنىماپتۇ.
نۇرغۇن ئانىلار بالىلىرىغا گۈزەل كۈنلەر يار بولسىكەن دەيدۇ. بىراق، بالىلارغا ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنگەندە بەلكىم ئۇلارغا ئەكسىچە تەسىر بېرىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بالىڭىزنى ھەقىقىي بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرەي دېسىڭىز ئۇلارنىڭ تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق - چۈچۈكىنى تېتىپ بېقىشىغا، يىقىلغان يېرىدىن ئۆزى دەست تۇرۇپ بېقىشىغا، جاپالاردا تاۋلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىڭ. بەزى ئاتا - ئانىلار ئۆزلىرىدىكى زىددىيەتنى قانچە يوشۇرۇشقا تىرىشسىمۇ يەنىلا بالىلىرى ئالدىدا چېنىپ قالىدۇ. ھازىرقى بالىلار ئاتا - ئانىسىنىڭ قەلبىگە يوشۇرۇنغان ئازابلارنى سېزىۋالالايدۇ. ئەمما، ئاتا - ئانىلارنىڭ ياسالمىلىق قىلىپ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىشى بالىلارنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ، ئۇلار ئاتا - ئانىلارنىڭ نۇقسانلىرىنى كۆرمىگەچكە ئۇلاردا كەمتۈكلۈككە يۈزلىنىش ئىقتىدارى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، تۇرمۇشقا تەستە ماسلىشىش بالىلارنىڭ قەلبىدە ئەڭ چوڭ مۇكەممەلسىزلىكنى پەيدا قىلىدۇ. بالىلارغا «ساختا ئىناق» ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلغاندىن كۆرە، ئۇلارغا تۇرمۇشتا مۇكەممەلسىزلىكتىن خالىي بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى، نۇقسانلارنىڭ تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىدە بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىلا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
تۇرمۇشتا ھەممىلا بالا «ئەڭ قالتىس!» بولۇۋەرمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىشنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك. چۈنكى ساۋاقلار قانچە ئاچچىق بولغانچە ئۆزىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەر شۇنچە روشەن ئاشكارىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ساختا ئىلھاملاندۇرۇش ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشەنمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆزىگە ئىشىنىش قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، مەغلۇبىيەت ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئارقىلىق يېتىلىدۇ. مەيلى ئۇلار «ئەڭ قالتىس» بولسۇن ياكى «ئەڭ ناچار» بولسۇن ئىشقىلىپ ئۆزىگە خاس قىممەتكە ئىگە. ئۇلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئىلھاملاندۇرۇش چوقۇم رېئاللىققا ئۇيغۇن بولۇشى شۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىياتنى ئاساس قىلىشى، كونكرېت، جايىدا بولۇشى لازىم.
ئەمەلىيەتتىمۇ مېھنەتسىز ئانىلار ئادەتتە شەخسىيەتچى بالىلارنى تەربىيەلەپ قويىدۇ. چۈنكى ئانىلاردىكى خالىسانە روھ بالىلارنى مەركەز قىلغانلىق بولۇپ، بالىلارنىڭ باشقىلار بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىنى توسۇپ مەنمەنچىلىك ئىدىيەسىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بولمايدۇ. ئانىلارنىڭ مۇشۇنداق خالىسانە روھى پەقەت ئانا - بالا ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر - مۇھەببەتتە ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، ھەقىقىي خالىس روھقا ئىگە ئانىلار بالىسىنى كىچىكىدىن باشلاپلا باشقىلارغا كۆيۈنۈشنى، نېمە يېيىشىدىن قەتئىينەزەر ئالدى بىلەن ئاتا - ئانىسىغا بىر ئۆلۈش بېرىشنى ئۆگىتىدۇ.
مەلۇم بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولمىغاچقا ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقى سۇسلاپ، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قاپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئانىسى كەسىپتە زور ئۇتۇق قازانغان، نەچچە قېتىم مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالانغان ئىكەن. شۇڭا ئۇ ئوغلىغىمۇ ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ قويىدىكەن. ئوغلى ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپلا ئۇنىڭغا بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەجمۇئەسىنى ئېلىپ بېرىپ ئۇنى مەشىقلەندۈرۈپتۇ. دەسلەپتە مەشىقنىڭ ئۈنۈمى بوپتۇ، بارغانسېرى تەلەپنى يۇقىرىلاتقاندا ئوغلى يېتىشەلمەي قاپتۇ. لېكىن ئانىسى ئەكسىچە ئۇنىڭدىن رازى بولماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوغلىنىڭ ئۆگىنىشى ناچارلىشىپ، ئىشەنچىسى يوقاپ، قىزغىنلىقى سۇسلاپ بارغانسېرى ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، ساۋاقداشلىرى بىلەن باردى - كەلدى قىلمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.
كۈچلۈك ئانىلار كۆپ ھاللاردا ئاجىز بالىلارنى تەربىيەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا قويغان تەلىپى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولغانلىقتىن، بالىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىپ چىقارماي، بىخ ھالىتىدە قۇرۇتۇۋېتىپ، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. مۇشۇنداق چەكتىن ئاشقان تەلەپلەرنى قويىدىغان ئانىلارنىڭ بالىلىرى قانداقمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش كۈچلۈك بولالىسۇن؟ بۇنداق ئانىلار شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى لازىمكى ئۆزلىرىدىكى ئارتۇقچىلىقنى بالا تەربىيەلەش جەريانىدا بالىلىرىدا بولۇشى شەرت دەپ تۇرۇۋالماسلىقى لازىم. شۇڭا، ئانىلار بالىلارنىڭ ئالدىدا كەمتەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، قىزىقىشىنى بايقاپ ۋە قېزىپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
 

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى