قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلاردا كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش

2017-07-14 17:39:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
 كىشىلىك مۇناسىۋەت ئارقىلىق باشقىلارنى چۈشىنىمىز ۋە ئالاقە ئورنىتىمىز. باشقىلارنىڭ چىراي ئىپادىسى، كەيپىياتى، مىجەزى، مەقسىتى ۋە ئىقتىدارى قاتارلىق تەرەپلەردە پەرق بار. بالىلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ۋە دوستلۇق مۇناسىۋەتنى داۋاملىق ساقلاش ئىقتىدارى كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندا ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىقتىدارىنى ساقلاشقا ماھىر بالىلار ياش قۇرامى تەڭ بالىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەمراھلىرىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش جەھەتتە ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ دەردىگە يېتىدۇ ھەم دائىم باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. دەرس ۋاقتىدىكى ئۆگىنىشكە ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلىرىغا قىزىقىدۇ.
 بالىلار تۇغۇلۇپ ھەر خىل ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە چوڭ بولىدۇ. تۇرمۇش كەچۈرۈش دائىرىسىنىڭ كۈنسېرى كېڭىيىشى ۋە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي خاراكتېرى پەيدىنپەي يېتىلىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىقتىدارىمۇ ئۆسىدۇ. يەسلى دەۋرى بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار بالىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت جەريانىدا بالىلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرى بالىلارغا ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بېرىشى، يەنى ئائىلىدىكىلەر، دوستلار، قولۇم - قوشنىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇشى، بالىلارغا مەدەنىي، ئىناق ئائىلە كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. بالىلارغا كۆيىنىش، ئۇلارنى قوللاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش بالىلارنىڭ باشقىلارغا كۆيىنىش، ياخشى مۇئامىلە قىلىش، سەمىمىي بولۇش، ھېسداشلىق قىلىش، باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىش خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈشكە، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆز - ئۆزىنى قەدىرلەش ھېسسىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق.
      بالىلارنى ئاساسىي ئالاقە ئۇسۇلى ۋە ئالاقە ماھارىتى ئارقىلىق تەربىيەلەش كېرەك. كىشىلىك ئالاقىدە بەزى ئاساسىي ئۇسۇل ۋە ماھارەتلەرنى ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچى ۋە ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارغا پايدىلىق تەربىيەلەش پۇرسەتلىرىنى بېرىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: تېلېفون قوبۇل قىلغاندا قانداق ئەدەپلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى ۋە قانداق تەرتىپ بويىچە سۆزلەيدىغانلىقىنى، ئوقۇتقۇچى ياكى ئائىلىسىدىكىلەر كېسەل بولۇپ قالغاندا، قانداق ھال سورايدىغانلىقىنى، مېھمان بولۇش ۋە مېھمان كۈتۈشنىڭ ئەدەپ - قائىدىلىرىنى ئۆگىتىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت بالىلارنى ئالاقە پائالىيەتلىرىگە مۇۋاپىق قاتناشتۇرۇش كېرەك. چۈنكى بالىلار بىر - بىرى بىلەن ئالاقە قىلغاندا ھەمىشە مەلۇم ئىش، ھەرىكەت ۋە مەسىلە ھەققىدە تالاش - تارتىش قىلىشىدۇ، بۇ جەرياندا بالىلار ئارىسىدا پىكىرنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ. توقۇنۇشنى ئۆزئارا ھەل قىلىش جەريانىدا بالىلاردا تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە ئالاقە تاكتىكىسى يېتىلىدۇ.   بالىلارنى مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش بىلەن بويسۇنۇشقا، رىقابەت بىلەن ھەمكارلىشىش مۇناسىۋەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. بالا تەربىيەلەشتە «چەك»نى چىڭ تۇتۇش كېرەك. مەسىلەن: بالىلاردا كەمتەرلىك، تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشتە مۇۋاپىق چەككە دىققەت قىلىشنى ئۆگىتىش ؛ بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىللە، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش، بىرلىكتە ئىش قىلىش ئېڭى ۋە قابىلىيىتى، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بالىلەر رىغبەتلەندۈرۈش ئىچىدە ياشىسا، ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئۆگىنىدۇ؛ ئەگەر تاپا - تەنە ئىچىدە ياشىسا، باشقىلار ئالدىدا خىجىلچان بولۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈۋالىدۇ. شۇڭا بالىغا نىسبەتەن چوقۇم ئازادە شارائىت يارىتىپ بېرىش، داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈش، ئىلھام بېرىش كېرەك. بۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان بالا باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا كەيپىياتىنى ئاكتىپ تەڭشەپ، باشقىلارغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ھەم ئەلا كىشىلىك مۇناسىۋەتنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى