قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مارالبىشى ناھىيەسى تېخىمۇ كۆپ نامرات دېھقانلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، تېخنىكا ئۆگىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى

2017-07-15 11:45:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئىستانسىمىز خەۋىرى:
مارالبىشى ناھىيەسى ھەر قايسى يېزا- بازارلاردا ئاكتىپ ھالدا «بېقىندى زاۋۇت»لارنى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات دېھقانلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، تېخنىكا ئۆگىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
مارالبىشى ناھىيەسىنىڭ سېرىق بۇيا بازىرى باغچىلاشقان سانائەت رايونىدىكى مارالبىشى ناھىيەلىك يىمېي كېيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا، ئىشچىلار بىر تۈركۈم يېڭى زاكاسلارنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئالدىراش ئىشلەۋاتقان ئىدى. 45 ياشلىق ئايشەمگۈل ياسىن تېخنىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دەزمال سېلىش تېخنىكىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىۋاتاتتى. ئۇ بۇلتۇرنىڭ ئاخىرى بۇ زاۋۇتقا ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، ھازىر ئىشچىلىق سالاھىيىتىنى ئاساسەن ھازىرلاپ بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- مەن ئۆيدىن چىقىپ 10 مىنوتقىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە زاۋۇتقا كېلىپ بولىمەن. ئەتىگەن سائەت 8 دە ئىشقا چىقىمەن. چۈشتىن كېيىن بەشتە ئىشتىن چۈشىمەن. چۈشلۈك تاماقنى زاۋۇتتا يەيمىز. دەسلەپتە مەن پەقەت 80 يۈرۈش كىيىمگىلا دەزمال سالالايتىم. ھازىر بىر كۈندە 300 دىن 350 كىچە كېيىمگە دەزمال سالالايمەن.
 يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مارالبېشى ناھىيەلىك يىمېي كېيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ 7 بېقىندى زاۋۇتى باغچىلاشقان سانائەت رايونى بىلەن يېزا- بازاردا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ، ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە شۇ جايدىكى نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. شىركەتنىڭ مەسئۇلى رۇ جۈن مۇنداق دېدى:- زاۋۇتىمىز ئاساسلىقى تۈرلۈك كېيىم- كېچەك ئىشلەپچىقىرىدۇ، ھەر ئايدا 100 مىڭ يۈرۈش كېيىم پۈتتۈرىمىز. يېزىلاردىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن ھەقسىز تەربىيىلەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە قوش تىل بويىچە تەربىيەلەيمىز. تەربىيەلەش مەزگىلىدە ئۇلارغا تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىمىز. تەربىيەلەش ئادەتتە 45 كۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ. شىركەت زاۋۇت ئۆيىنىڭ كۆلىمىنى 5 مىڭ كۇۋادرات مېتىرغا كۆپەيتىپ، 800 دىن كۆپرەك ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى. نۆۋەتتە شىركەت دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن، يەنە يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلدى.
ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ توقۇمىچىلىق، كېيىم- كېچەك كارخانىلىرىغا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن نۇرغۇن توقۇمىچىلىق، كېيىم- كېچەك كارخانىسى مارالبىشى ناھىيەسىدە قۇرۇلدى. بۇلتۇر 12- ئايدا قۇرۇلغان مارالبىشى ناھىيەلىك تيەنيۈ ئائىلىدە توقۇش چەكلىك شىركىتى قولدا رەخت توقۇش بېقىندى زاۋۇتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە رەخت توقۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى. تەربىيەلەش ئاياغلاشقاندىن كېيىن كەنت ئاھالىلىرى رەخت توقۇش ماشىنىسىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئۆيىدە رەخت توقۇسىمۇ بولىدىغان بولدى.
بۇ يىل مارالبىشى ناھىيەسى يەنە ھەرقايسى يېزا- بازارلاردا «بېقىندى زاۋۇت» تىن 55 نى يېڭىدىن قۇردى. ئۇ قولدا گىلەم توقۇش، قولدا ماتا توقۇش، ماشىنىدا توقۇلغان گىلەملەرنى تۈزەش قاتارلىق كەسپىي تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مارالبىشى ناھىيەلىك ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ تەربىيەلەش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن شاڭجۈن مۇنداق دېدى:- ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي ئۇسۇللارنىڭ بىرى قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسپلەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، ئىككى قولىغا تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىدا مېڭىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.
تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى