قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەجر يەردە قالمايدۇ

2017-07-15 12:29:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇھەممەدجان تىلىۋالدى

   ھازىر جەمئىيىتىمىزدە بىر قىسىم ياشلار بېجىرىم، شارائىتى تولۇق، نېمە ئىش قىلاي دېسە قىلالىغۇدەك كۈچ - قۇدرىتى تۇرۇقلۇق، ئاز - تولا قىيىنچىلىققا يولۇقسىلا، ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىۋاتىدۇ. ئەقلى، بىلىمى ۋە كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، بىرەر ئىشتا نەتىجە يارىتىش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش، ئاتا - ئانىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ.
 ئەجىر -مېھنەتسىز بەخت -سائادەت مەنزىلىگە يەتكىلى بولمايدۇ. جەمئىيەتنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ قان -تەرى، ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئەجىر  مېھنىتىنىڭ نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. ئېنىقكى، جاپا -مۇشەققەتتىن قورقمىغان، ھەر قانداق قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەي تىرىشقان، زور بەدەل تۆلەشتىن يانمىغان، جاپالىق ئەجىر - مېھنەت سىڭدۈرگەن كىشىلەرلا ئۆزى كۆزلىگەن نىشان - مەقسەتلىرىگە يېتەلەيدۇ. دۇنيا فىزىكا ساھەسىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان سىتىفېن خاۋكىڭ »ھەرىكەت نېرۋا ھۈجەيرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرەلمەيدۇ« دېگەن دىياگنوزىغا پەرۋا قىلماي، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاپ، 40 نەچچە يىل چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن نۇرغۇن ئازاب تارتقان بولسىمۇ، ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويماي »ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى«، »شاكال ئىچىدىكى ئالەم«، »گىگانت ئادەمنىڭ مۈرىسىدە«، »بۈيۈك لايىھە« قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنى روياپقا چىقارغان ۋە ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ سىر مەرتىۋىسى، خوپكىنىس مۇكاپاتى، ۋولىف فىزىكا مۇكاپاتى، ئالبېرت ئېينىشتىيىن مۇكاپاتى قاتارلىق نەچچە ئونلىغان شان -شەرەپ ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن...
دېمەك، ھايات -ئىنسانغا بېرىلگەن ئەڭ ئېسىل سوۋغات. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ياكى پايدىلىنالماسلىق ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. ھاياتتىن ئىبارەت بۇ سوۋغاتنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلەر بىھۇدە، مەنىسىز ئىشلار بىلەن ئاۋارە بولۇپ، يا ئۆزى خۇش بولماي، يا باشقىلارنى خۇش قىلالماي ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھاياتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلار بولسا ھايات سەپىرىدە مەنىلىك، ئۆزى ۋە ئۆزگىلەرگە مەنپەئەتى تېگىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئەجىر - مېھنەتلىرى مېۋە بېرىپ، غەلىبە خۇشاللىقىغا چۆمۈلۈپ ياشايدۇ. ھايات يولىدىكى جاپا -مۇشەققەت، بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلىگەن، ئۇنىڭ بىلەن قورقماي ئېلىشىپ بويسۇندۇرالىغان، بىر ئىشنى قىلىمەن، دەپ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئۈزلۈكسىز تىرىشقان كىشىلەر كۆزلىگەن مەنزىلىگە يەتمەي قالمايدۇ. ئېنىقكى، كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەممە ئادەمگە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتى بار. ئەمما، پۈتۈنلەي تۈز يول يوق. بىرەر ئىشتا نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن، ئادەمدە قەتئىي ئىرادە، ئىگىلمەس - سۇنماس روھ، ئىشەنچ ۋە چىدام بولۇشى كېرەك. ھاياتتا ئادەمگە ئېنىق نىشان ، ئىزچىل ئىزدىنىش روھى ۋە تىرىشچانلىق ھەمراھ بولىدىكەن، ئادەم ھەرقانداق ئىشىدىن نەتىجە يارىتالايدۇ.
 
مەيلى بىز قانداق قىيىنچىلىق ۋە جاپا -مۇشەققەتلەرگە ئۇچرىمايلى، «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دېگەن ھېكمەتنى ئۆزىمىزگە مىزان قىلىپ تىرىشساقلا، ھەر قانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز. بەش بارماقنى بىراقلا ئېغىزغا سالغىلى بولمىغنىدەك، بىر كېچىدىلا كاتتا زەردارغا ئايلىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا مۇئەييەن ۋاقىت ۋە جەريان كېتىدۇ. تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان مۇۋەپپەقىيەت سەھنىلىرى، نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەر بىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. بىز كىچىك ئىش بولسىمۇ ئۆزىمىز ئەڭ قاملاشتۇرالايدىغان، ئۆزىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانساق، كۆزلىگەن مەنزىلىمىزگە يېتەلەيمىز. مۇۋەپپەقىيەت، شان - شەرەپ ۋە نەتىجە ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەنلەرگە مەنسۇپ. ئۇ يىراقتا ئەمەس، يېنىمىزدىلا بىزنى ساقلاپ تۇرماقتا...
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى