قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىكى 882 نەپەر ئېشىنچە ئەمگەكچى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى

2017-07-17 12:16:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
7-ئاينىڭ 16-كۈنى، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىكى 882 نەپەر ئېشىنچە ئەمگەكچى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 23 بىناكارلىق- قۇرۇلۇش كارخانىسىدا ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ.
ئۈرۈمچى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول يېڭى ۋوگزالىدا، ئەمدىلا پويىزدىن چۈشكەن ئايۇپ ئابابەكرى ئۇچىسىغا فورما كىيىۋالغان بولۇپ، ناھايىتى روھلۇق كۆرۈنەتتى. ئايۇپ ئابابەكرى مۇنداق دېدى: كەلگۈسۈمدىن زور ئۈمىدكە تولدۇم. بىناكارلىق- قۇرۇلۇش ئىشچىسى بولۇش جاپالىق بولسىمۇ، ناھايىتى شەرەپلىك ھىس قىلىمەن. جاپا تارتساممۇ، تىرىشىپ ئۆگىنىمەن. تېخنىكام يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، تىرىشىپ ئىشلەپ، ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرىمەن.
ۋوگزالدىن چىقىش ئېغىزىدا،  23 بىناكارلىق- قۇرۇلۇش كارخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى يېڭى ئىشچىلارنى كۈتىۋالدى. شىنجاڭ شەھەر قۇرۇلۇشى خۇڭيۈەن شەھەر مەمۇرىيىتى، باغ- ئورمان چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى گو خۇڭيۈەن مۇنداق دېدى: ياتاق بىناسىدىن ئىككىنى سېلىپ، ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە تۇرمۇش بويۇملىرىنى تەل قىلىپ قويدۇق. قابىل ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تاللاپ، قەشقەردىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر بىلەن بىرلىكتە گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئىش تەقسىماتىنى يولغا قويىمىز.
ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئولتۇراق ئۆي ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇش سىستېمىسىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئېشىنچە ئەمگەكچىلەرنىڭ سانى 5 مىڭدىن ئاشىدۇ. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق ئولتۇراق ئۆي ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇش نازارىتى مەركەز كارخانىلىرى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى كارخانىلار ۋە ئاپتونوم رايون سىرتىدىن كىرگەن چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلاردىن بولۇپ 190 كارخانىنى تاللاپ، 5 مىڭ 92 ئىش ئورنىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئولتۇراق ئۆي ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ما تيەنيۈ مۇنداق دېدى: يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئورنىغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ھەر قايسى كارخانىلار تېخنىكا ماھارىتى بويىچە مەركەزلىك تەربىيەلەشنى باشلايدۇ ۋە ئۇلارنى ئىش ئورنىغا تېزدىن ماسلىشىشقا يېتەكلەيدۇ.

 تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى