قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى خۇايۈەن يېزىسى خۇاجاڭزا كەنتى پارتىيە ياچىيكىسى كەنتنىڭ كەسپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈردى

2017-07-17 12:16:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى خۇايۈەن يېزىسى خۇاجاڭزا كەنتى پارتىيە ياچىيكىسى كەنتنىڭ كەسپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، دېھقان- چارۋىچىلاردىن ۋاستىچىلار قوشۇنى تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈردى.
ئەتتىگەندە، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى خۇايۈەن يېزىسى خۇاجاڭزا كەنتىدىكى دېنۇڭ تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېرىقچىلىق رايونىدا، كۆپچىلىك ئوت- چۆپ ئىسكىلاتى قۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولدى. باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى خۇايۈەن يېزىسى خۇاجاڭزا كەنتى دېنۇڭ تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى لى جىگاڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، ئوت- چۆپ ۋە بىدىلەرنىڭ ھەممىسى سىرتتا ساقلىنىدىغان بولۇپ، يامغۇر ياغسا، بەك ئىسراپ بولۇپ كېتەتتى.
تېرىقچىلىق كۆلىمى كىچىك، قۇرۇلمىسى ئاددىي بولغاچقا، ئىلگىرى، خۇاجاڭزا كەنتىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى دىگەندەك ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، كەنت پارتىيە ياچىيكىسى كەنت ئاھالىلىرىدىن پىكىر ئېلىپ، ئىلغار تەجرىبىلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ، يەرلەرنى ئوبوروت قىلىشنى باشلىدى. خۇاجاڭزا كەنتى پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن باۋشەن مۇنداق دېدى: يەردىن قىلىدىغان كىرىم ئازايمىدى. سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، كۈنىگە ئاز دىگەندە 100 يۈەن كىرىم قىلالايدىغان بولدى.
كەنت پارتىيە ياچىيكىسى يەنە كارخانا ۋە كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى مۇقىم ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. كەنت ئاھالىسى ۋۇ شياڭدۇڭ مۇنداق دېدى: سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، بىر يىلدا 30 مىڭ يۈەن پۇل تاپتىم.
خۇاجاڭزا كەنتى پارتىيە ياچىيكىسى يەنە ئۆز جايىنىڭ ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، 50 نەچچە ئاھالىنى تەشكىللەپ، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرلىرى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەزالىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىم تەقسىماتى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ھازىر، خۇاجاڭزا كەنتىنىڭ ئەمگەك ئىشلىرى كىرىمى كىشى بېشىغا 1 مىڭ 500 يۈەندىن توغرا كېلىپ، 100دىن ئارتۇق ئاھالە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى. خۇاجاڭزا كەنتى پارتىيە ياچىيكىسى يەنە دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىشىدىكى يولباشچىغا ئايلاندى. خۇاجاڭزا كەنتى پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن باۋشەن مۇنداق دېدى: پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە تەسىر كۈچى ئاشتى. بۇ يىل، كەنتىمىزدىكى 64 كىشى پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇنۇپ، پارتىيە ياچىيكىمىزغا يېڭى كۈچ قوشۇلدى.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى