قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 15 پۇقراۋى ئايرودۇرۇم ئالدىنقى يېرىم يىلدا 13 مىليون 920 مىڭ ئادەم (قېتىم) يولۇچى توشۇدى

2017-07-17 13:32:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
شىنجاڭ ئايرودۇرۇم باشقۇرۇش گۇرۇھىدىن ئىگىلىنىشچە، شىنجاڭدىكى 15 پۇقراۋى ئايرودۇرۇم ئالدىنقى يېرىم يىلدا 13 مىليون 920 مىڭ ئادەم (قېتىم) يولۇچى توشۇغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى توشۇغان يولۇچى 10 مىليون 79 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشقان.ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، قولاي ئاۋىياتسىيە قاتنىشى يولۇچىلارنىڭ مۇھىم تاللىشىغا ئايلىنىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى بۇ يىل يېڭىدىن جېڭجۇ - تۇرپان، تيەنجىن - تۇرپان - غۇلجا قاتارلىق ئىچكىرىگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان توققۇز تارماق لىنىيە، قەشقەر - كورلا - قاراماي، قەشقەر - غۇلجا قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى يەتتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تېخىمۇ قولايلىق ياراتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى توشۇغان يولۇچى 3 مىليون 837 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %.5 8 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە تۇرپان، قومۇل، قاراماي قاتارلىق ئايرودۇرۇملاردا يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %44تىن يۇقىرى بولدى. ساياھەت پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، كېيىنكى يېرىم يىلدا شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ يولۇچى تىرانسپورت مىقدارى يەنىمۇ مۇقىم ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى