قاراماي-يۈنچېڭ-نەنجىڭ ھەمدە قاراماي-يۈنچېڭ-باڭكوك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدۇ
2017-07-17 13:32:45 مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى
8-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، قاراماي-يۈنچېڭ-نەنجىڭ ھەمدە قاراماي-يۈنچېڭ-باڭكوك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ شېنجىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى تىجارەت بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، قاراماي- يۈنچېڭ-نەنجىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇچىدىكەن، قاراماي-يۈنچېڭ-باڭكوك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى ئايروپىلانلار ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى ئۇچىدىكەن، بۇ لىنىيەگە «بوئىن 738» تىپلىق ئايروپىلانلار سەپلىنىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قارامايدىن يۈنچېڭغا بارىدىغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئىكەن، شۇنداقلا قاراماي ۋە چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەر ئارىسىدىكى 2-بىۋاستە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئىكەن. 8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە، قارامايدىن باڭكوكقا بېرىپ-كېلىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى 999 يۈەن ئىكەن.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]