قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالاپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى نىزامى››نى ئېلان قىلدى

2017-07-17 18:38:06     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى نىزامى››نى ئېلان قىلدى، بۇ ‹‹نىزام›› 2017 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
‹‹ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى نىزامى›› مۇھىم ھەربىي قانۇن – نىزام بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ تۈپ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نەزەردە تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر.
‹‹نىزام›› جەمئىي 8 باب، 40 ماددا بولۇپ، ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ پىرىنسىپلىرى، ھۆججەتنىڭ تۈرى، فورماتى، ھۆججەت چىقىرىش قائىدىسى، بېجىرىش تەرتىپى ۋە باشقۇرۇش تەلىپى قاتارلىقلار توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، ئارمىيە بىلەن پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە يېڭى تەجرىبىلەر قوبۇل قىلىنغان، يېڭى تۈزۈلمە شارائىتىدىكى ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىدە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك تەرەققىيات تەلىپى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى تېخىمۇ ئىلمىيلىككە، يېتەكچى خاراكتېرگە ۋە تەتبىقلىنىشچانلىققا ئىگە قىلىندى.
بۇ ‹‹نىزام››نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئورگانلارنىڭ ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ يەنىمۇ ئىلمىيلىشىشى، تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ قارار، يوليورۇقلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئارمىيە قۇرۇلۇشى ۋە ھەربىي كۈرەشكە تەييارلىق قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى