ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى

2017-07-17 18:39:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14-ئىيۇل تېلېگراممىسى. ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىش، نازارەت قىلىشنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى شەمشەرلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى»غا تۆۋەندىكىدەك تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.
  بىرىنچى، 1- ماددىغا «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، كۆزىتىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى>غا ئاساسەن، مەزكۇر نىزام تۈزۈلدى»، دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.
  ئىككىنچى، 2- ماددىنىڭ 1- تارمىقى ئۈچ تارماققا بۆلۈندى، ئەسلىدىكى 1- تارماققا «پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك كومىتېتلىرى كۆزىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى كۆزىتىش ئاپپاراتى قۇرىدۇ، بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە باشقۇرىدىغان جاي، تارماق، كارخانا- كەسپىي ئورۇنلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىدۇ»، دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.
  «مەركەزنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى تارماقلىرى پارتگۇرۇپپىسى (پارتكومى) كۆزىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، كۆزىتىش ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، باشقۇرۇۋاتقان پارتىيە تەشكىلاتىنى كۆزىتىپ، نازارەت قىلسا بولىدۇ» دېگەن 2- تارماق قوشۇلدى.
  «پارتىيەنىڭ شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق) ۋە ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن)لىك كومىتېتلىرى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ، كۆزىتىپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، باشقۇرۇۋاتقان پارتىيە تەشكىلاتىنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىدۇ» دېگەن 3- تارماق قوشۇلدى.
  ئەسلىدىكى 2- تارماق 4- تارماق قىلىنىپ، «كۆزىتىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىغان پارتىيە تەشكىلاتى كۆزىتىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.
  ئۈچىنچى، 3- ماددىغا «كۆزىتىش خىزمىتىدە ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، <ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش> مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشىنى قىلچە تەۋرەنمەي قوغداپ، <بەش بىر گەۋدە> ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، <تۆت ئومۇميۈزلۈك> ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، پارتىيەنى قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى بايقاپ، تەھلىكە شەكىللەندۈرۈپ، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ باشتىن- ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك»، دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.
  تۆتىنچى، 5- ماددىنىڭ 3- تارمىقىغا «مەركەز كۆزىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوم، مەركەزنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى تارماقلىرى پارتگۇرۇپپىسى (پارتكومى)نىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك» دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.
  بەشىنچى، 11- ماددىنىڭ 1- تارمىقىغا «(1) غايە، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك»، دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى؛
  ئالتىنچى، 15- ماددىغا «كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆزىتىش ئوبيېكتىنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى> ۋە پارتىيە ئىچىدىكى باشقا قانۇن، نىزاملارنى ئىجرا قىلىش، پارتىيە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى نازارەت قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىز بولۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇكەممەل بولماسلىق، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا كۈچىمەسلىك، پارتىيە قارىشى سۇس بولۇش، تەشكىلى تارقاق، ئىنتىزامى بوش بولۇش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى مەيلىگە قويۇۋېتىش، بوش تۇتۇش، يۇمشاق قوللۇق قىلىش مەسىلىلىرىنى، جۈملىدىن تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى:
   سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە خىلاپ سۆز- ھەرىكەتلەرنى قىلىش، قىل دېگەننى قىلماي، قىلما دېگەننى قىلىش، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىش، گۇرۇھ بولۇۋېلىپ ئەسكىلىك قىلىش، گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇش، مەزھەپ تەشكىللەش ھەم ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر؛
   پاك، ئىنتىزامچان بولۇشقا خىلاپلىق قىلىش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قىلىش، چىرىكلىشىپ چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر؛
   تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئادەم ئىشلىتىش، ئۇرۇق- تۇغقان ۋە ئۆز يېقىنلىرىنىلا ئىشقا قويۇش، ئەمەل كويىدا قاتراش، ئەمەل سودىسى قىلىش، پارا بېرىپ سايلىنىش ھەم ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش، ئاجىز- تارقاق بولۇش، ئېغىر دەرىجىدە ئىتتىپاقسىزلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر؛
   ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچىمەسلىك، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك قىلىش ۋە ئىسراپخورلۇق قىلىپ راھەت- پاراغەتكە بېرىلىش ئىستىلى قاتارلىق مەسىلىلەر؛
   كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن پارتىيە تەشكىلاتى چۈشىنىشنى تەلەپ قىلغان باشقا مەسىلىلەرنى تىرىشىپ بايقىشى كېرەك»، دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.
  مەزكۇر قارار 2017- يىل 7- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.
  ھازىر «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى»نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىنى بېسىپ تارقاتتۇق.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى