ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەمەلىي ئىشلەش داۋامىدا پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش

2017-07-17 18:57:15     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى
شى شىن


ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 7 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسەتنى، ئەسلىھەنى، سودىنى، مەبلەغنى، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ بازا››، ‹‹ئۈچ يول››، ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› ۋە ‹‹ئون چوڭ ئىمپورت – ئېكسپورت كەسپى توپلانغان رايون›› قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسەت، پىلان سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشتا ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، رولىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، يادرولۇق رايوننىڭ قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
مۇھىم تۈرلەر پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى
شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى – لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۈرىنىڭ ئالدىنقى قارارلىق خىزمەتلىرى پۈتتى، مۇشۇ ئايدا ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلىنىش مۆلچەرلەندى.
G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى – لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 323 كىلومېتىر بولۇپ، باشلامچى تەجرىبە بۆلىكى قۇرۇلۇشى بۇ يىل 4 – ئاينىڭ ئاخىرلىرى باشلانغانىدى، بۇ قۇرۇلۇش پۈتسە جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ قاتناش توسۇقى ئېچىلىپ، تاشيول تىجارىتى مۇساپىسى زور دەرىجىدە قىسقىرايدۇ ھەم ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي شەھەرلىك ئورنى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سۈرئىتى تېزلىتىلىدۇ.
G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى – لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۈچنى ئەسلىھەلەرنى راۋانلاشتۇرۇشقا مۇجەسسەملىگەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.
يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق ھالدا ئۈرۈمچىنى يادرو قىلغان گىرەلەشمە قاتناش تۈگۈنى بەرپا قىلىپ، تارىم ئويمانلىقى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان ئۇنىۋېرسال قاتناش لىنىيەسىنى ئېچىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ شىمالىي، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىدىن ئىبارەت ئۈچ ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت يولىنى ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇردى.
تۆمۈر يول جەھەتتە، لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈر يولى 2 – قوش لىنىيەسى، بېيتۈن – ئالتاي تۆمۈر يولى، ئۈرۈمچى ۋوگزالى قاتارلىقلارنى ئاچتى؛ كورلا – گولمۇد تۆمۈر يولىدا ئومۇميۈزلۈك رېلىس ياتقۇزۇلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش 1 –، 2 –، 3 –، 4 – لىنىيەسىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلاندى. 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تۆمۈر يول تىجارىتى مۇساپىسى 5868 كىلومېتىرغا، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول مۇساپىسى 717 كىلومېتىرغا يەتتى.
تاشيول جەھەتتە، قەشقەر – قەشقەر يېڭىشەھەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، G7 لىنىيەسى بېيجىڭ – شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ مىڭشۈي – قومۇل بۆلىكى قاتارلىق 30دىن ئارتۇق نۇقتىلىق تاشيول تۈرى پۈتتى؛ ليەنيۈنگاڭ – قورغاس قۇرۇقلۇق پورتى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى ھەم كېڭەيتىلىپ ئۆزگەرتىلدى، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى. 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ تاشيولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 180 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول 4395 كىلومېتىرغا يەتتى.
ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز ئەتراپتىكى سەككىز چېگراداش دۆلەتنىڭ بەشى بىلەن 111 خەلقئارا تاشيول تىرانسپورت لىنىيەسى ئېچىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.
پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى جەھەتتە، قۇرۇلغان ھەم ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن ئايرودۇرۇم 18گە يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەممە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلىدى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالتە تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى كېڭەيتىلىۋاتىدۇ ۋە قۇرۇلۇۋاتىدۇ. ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىگە ئايلىنىپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ، غەربكە چىقىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال گىرەلەشمە قاتناش تورى تەدرىجىي شەكىللەندى.
ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى
2015 – يىلى 11 – ئايدا شىنجاڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا تۈر قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ياۋروپا – ئاسىيا ئىقتىساد – سودا چوڭ يولىدىكى يادرولۇق تۈگۈن ۋە مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلىنىشىغا تىرەك بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا جۇڭگو – ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يىغىلىش مەركىزى بۇلتۇر 5 – ئايدا پۈتۈپ، ھازىر غەربكە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلار 300دىن ئاشتى.
2016 – يىلى شىنجاڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت – ئېكسپورت سودا سوممىسى 14 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يېتىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى (18 مىليارد دوللار)نىڭ %81.7ىنى ئىگىلىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسى داۋاملىق ‹‹ئېچىۋېتىش قىزىل بولىقى›› تارقىتىپ، شىنجاڭنى ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى.
2016 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ ئەمەلىي پايدىلانغان چەت ئەل سودىگەرلىرى بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ 2 مىليارد 160 مىليون دوللار بولۇپ، ئىمپورت – ئېكسپورت سوممىسى 118 مىليارد 40 مىليون دوللار بولدى. ئاپتونوم رايون بويىچە چېگرا سىرتىغا مەبلەغ سالغان كارخانا 550كە، جۇڭگو تەرەپ كېلىشىم بويىچە سالغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 8 مىليارد 123 مىليون دوللارغا يېتىپ، تۈرلەر 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارقالدى.
ئادىمىيەت ئالاقىسى ئۈزلۈكسىز قويۇقلاشتى
7 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ‹‹2017 جۇڭگونى ھېس قىلىش جۇڭگونىڭ غەربىي رايون مەدەنىيىتى بويىچە مىسىرغا سەپەر . شىنجاڭ سەھىپىسى›› ئالىكساندىرىيە بېكىتىدە باشلاندى. جۇڭگو شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى رەڭدار سەنئەت نومۇرلىرى ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئالىكساندىرىيە، ھەتتا پۈتۈن مىسىرنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى دوستلارغا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، مىسىر خەلقىنىڭ جۇڭگو ۋە جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ تەرەققىي قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، دۆلەت پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى، شېنجېن شەھىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىبارەت تۆت تەرەپ بىرلىكتە بۇلتۇر 10 – ئايدا ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەسلەتمىسى››نى ئىمزالاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى رەسمىي باشلىدى، نۇرغۇن كارخانىنى سىناق رايونىغا جەلپ قىلدى.
قۇرۇلۇپ بولغان توققۇز كۇڭزى ئىنستىتۇتى ئاساسىدا، يەنە قىرغىزىستان جالالئاباد دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا يەنە بىر كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇلۇپ، بۇلتۇر 12 – ئايدا ۋىۋىسكا ئېسىلدى. ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش، ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋاننى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ھەم ئۆزئارا ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىش پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى 20 مىڭدىن ئاشتى.
خەلقئارا چېگرا ھالقىغان ساياھەت يېڭى لىنىيەسى ئېچىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ساياھەت ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنىڭ قاتلىمى، سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى.
‹‹يىپەك يولى ساغلاملىق مۇنبىرى›› ئۆتكۈزۈلدى، تەخمىنەن 30 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان شىنجاڭ خەلقئارا ساغلاملىق كەسپى رايونىدا قۇرۇلۇش باشلاندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 3A دەرىجىلىك بەش دوختۇرخانىدا خەلقئارا داۋالاش مۇلازىمەت بۆلۈمى قۇرۇلدى... شىنجاڭ ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان خەلقئارا داۋالاش مەركىزىنى پائال قۇرۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چېگرا ھالقىغان يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇلۇپ، چېگرا ھالقىغان ‹‹بۇلۇت دوختۇرخانا›› توپى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى