ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىمنىڭ «كۆل شەھىرى»دىكى ئۆزگىچە تۇيغۇلار ماۋزۇلۇق ساياھەت خاتىرىسى

2017-07-21 18:55:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
 «چاڭجياڭ- تاۋفېن مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ نىڭشيا سەپىرى»نىڭ تۇنجى بېكىتى يىنچۈەن شەھىرى بولدى، يەنى 6- ئاينىڭ 8- كۈنى بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت پائالىيىتىمىزنىڭ تۇنجى قەدىمىنى يىنچۈەن شەھىرى بىلەن تونۇشۇشتىن باشلىدۇق. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولغان يىنچۈەننىڭ قەدىمىي شەھەر، مەركىزىي شەھەر دەپ ئاتىلىشى ھەرگىزمۇ ئاساسسىز ئەمەس ئىكەن. تارىخىي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، يىنچۈەن شەھىرى مىلادىيە 1038- يىلى تاڭغىت خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى لى يۈەنخاۋ تەرىپىدىن تاڭغىت خانلىقىنىڭ پايتەختى قىلىپ بېكىتىلگەن ئىكەن. شۇنىڭدىن بۇيانقى ئۇزاق يىللار مابەينىدە، بۇ شەھەر ئىزچىل تۈردە ئوخشىمىغان پادىشاھلىق ۋە بەگلىكلەرگە پايتەخت بولۇپ، ئۆزىنىڭ مەركىزىي شەھەرلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلگەنىكەن. يىنچۈەن شەھىرىدىكى ئالتە قەدىمىي بىنانىڭ بىرى بولغان نەنمىنلۇ راۋىقى مىلادىيە 1020- يىلى ياسالغان ئىكەن. يىنچۈەن شەھىرىنىڭ كوناشەھەر رايونى بىلەن يېڭىشەھەر رايونى ئېنىق ئايرىلغان بولۇپ، كوناشەھەر رايونىدا نەنمىنلۇ، جۇڭگۇلۇ، فېڭخۇاڭگې، خەيباۋتا، چېڭتيەنسى قاتارلىق 300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بىر تۈركۈم قىممەتلىك تارىخىي مىراسلار بۇ شەھەرگە قەدەم باسقان ھەر بىر جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلسا، يېڭىشەھەر رايونىدىكى كەڭرى كەتكەن ئاسفالت يوللار، ئېگىز بىنالار، يول بويى ۋە بىنالار ئارىسىدىكى گۈللۈك ھەم كۆكۈل مەيدانلار بۇ شەھەرنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى ۋە يېڭىچە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇرىدىكەن.
 يىنچۈەن شەھىرىنىڭ يەنە «كۆل شەھىرى»، «72 تۇتاش كۆل» دېگەندەك چىرايلىق ناملىرىمۇ بار ئىكەن. دېمىسىمۇ، بۇ شەھەردە كۆللەرنىڭ كۆپلۈكى كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدىكەن. يول بويلىرىدا يۇمىلاق، سوقىچاق ۋە ھىلال ئاي شەكىللىك چوڭ- كىچىك كۆللەر كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىكەن. كۆل بويىدىكى بولۇق ئۆسكەن قومۇشلۇقلار ئارىسىدا ھەر خىل قۇشلار بەس- بەستە سايرىشىپ، توپ- توپ بولۇشۇپ ھېلىدىن- ھېلىغا «پۇررىدە» قىلىپ كۆككە پەرۋاز قىلىشسا، سۈپسۈزۈك كۆل سۈيىدە ياۋا غاز ۋە ياۋا ئۆردەكلەر قاناتلىرىنى قېقىشىپ، ئەركىن ئۈزۈپ يۈرىدىكەن. 2002- يىلىغا كەلگەندە، يىنچۈەن شەھىرى دۆلەت ۋە نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مەبلەغ ۋە سىياسەت جەھەتتىن زور كۈچ بىلەن قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى بىلەن، «تېرىلغۇ يەرلەرنى كۆلگە قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى»نى كۈچەپ يولغا قويۇپتۇ. شۇنىڭدىن بۇيانقى 15 يىل مابەينىدە يىنچۈەن خەلقىنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، نۇرغۇن كۆل ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يەنە بىر قىسىم كۆللەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىمكانىيەت بولماپتۇ. ھازىر يىنچۈەن شەھىرىدە دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدىن تۆتى، دۆلەت دەرىجىلىك سىناق نۇقتىسى قىلىنغان سۇلۇق يەر باغچىسىدىن بىرى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدىن ئالتىسى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سۇلۇق يەر مۇھاپىزەت رايونىدىن ئۈچى، شەھەر دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدىن سەككىزى بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، چوڭ- كىچىك كۆللەرنى شەھەر رايونىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. بۈگۈنكى كۈندە بۇ كۆللەرنىڭ بويلىرى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك سەيلىگاھى بولۇپ قاپتۇ...
 يىنچۈەن شەھىرىدە ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغان يەنە بىر جاي لەنشەن باغچىسى بولدى.
 - بۇ يەر ئەسلىدە ئەخلەتلەر تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇرىدىغان چوڭ بىر ئەخلەتخانا ئىدى، مانا ھازىر يىلىغا نەچچە مىليون ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان ساياھەت- مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى، − دېدى نىڭشيا گېزىتچىلىك گۇرۇھى گېزىتچىلىك تەرەققىيات، تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، 14- نۆۋەتلىك «چاڭجياڭ- تاۋفېن مۇكاپاتى»نىڭ ساھىبى ۋاڭ جيەن بىزگە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ.
  يىنچۈەن شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر رايونىغا جايلاشقان، يىراقتىن بىر قاراشتا قاملاشتۇرۇپ سىزىلغان ماي بوياق رەسىمگە ئوخشاپ كېتىدىغان لەنشەن باغچىسىغا ئەمدىلا قەدەم قويۇشىمىزغا ۋاڭ جيەننىڭ بۇ سۆزى مېنى ھەيران قالدۇردى.
- توققۇز يىل ئىلگىرى لەنشەن باغچىسىنىڭ ئورنى يىنچۈەن شەھىرى بويىچە ئەڭ چوڭ ئەخلەتخانا ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئازراقلا شامال چىقسا، ئەخلەتخانىدىن ئۇچۇپ چىققان توپا- توزان، قەغەز ۋە يالتىراقلار ھەممە يەرنى بىر ئالاتتى، شەھەر ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن بەكمۇ بىزار ئىدى، ئاممىنىڭ بۇ يەرنى ئۆزگەرتىشكە بولغان تەلىپىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. 2008- يىلىغا كەلگەندە يىنچۈەن شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ ئەخلەتخانىنى ئۆزگەرتىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئارام ئالغاچ سەيلە قىلىدىغان، چېنىقىدىغان ئىستىراھەت باغچىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنداق قىلغاندا ھەم مۇھىت ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى، ھەم شەھەر مەركىزىدە ئۆزگىچە ساياھەت- مەنزىرە نۇقتىسىدىن بىرنى كۆپەيتكىلى بولاتتى، مۇھىمى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئوبدان بىر سورۇن ھازىرلاپ بەرگىلى بولاتتى. شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەسەۋۋۇرى ئەينى چاغدا تاراتقۇلار ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنغاندا، شەھەر ئاھالىلىرى بۇ ئىشنى قىزغىن قوللاپ- قۇۋۋەتلىدى. يىنچۈەن شەھىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىمۇ ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، يىراق- يىراقلاردىن توپا توشۇپ كېلىپ، باغچە قۇرۇلۇشىغا جىددىي كىرىشىپ كەتتى. سەككىز ئايدىن كېيىن، تاغدەك دۆۋىلەنگەن ئەخلەتلەرنىڭ ئورنىدا بىر- بىرىگە قارىشىپ تۇرىدىغان ئىككى قوشماق چوققىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر باغچە پەيدا بولدى. بۇ باغچە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يىنچۈەن شەھىرىنىڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا شەھەر ئاھالىلىرىگە سۇنغان «تويلۇق سوۋغىتى» بولۇپ قالدى، − دېدى ۋاڭ جيەن چۈشەندۈرۈپ.
 لەنشەن باغچىسى قوشماق چوققا، ئالدى مەيدان، يۇقىرىقى مەيدان، يازلىق تىياتىرخانا ۋە كۆل مەنزىرە رايونىدىن ئىبارەت تۆت بۆلەككە بۆلۈنىدىكەن. مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىدە ئەخلەتتىن بەرپا قىلىنغان ئىككى تاغ چوققىسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىكەن، تاغ باغرىدىكى 47 گېكتار كۆلەمدىكى قېلىن ئورمانلىق ئىككى چوققىنى كىشىگە تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ھەم جەزبدار قىلىپ كۆرسىتىدىكەن. ئالدىنقى مەيداندىن يۇقىرىغا قاراپ مېڭىپ، 208 پەلەمپەينى باسسىڭىز، كەڭرى كەتكەن يۇقىرىقى مەيدانغا يېتىپ كېلىدىكەنسىز، قەدىمكى رىمنىڭ مېمارچىلىق ئۇسلۇبىدا ئىتالىيەدىكى گىلادىياتور مەيدانىغا تەقلىد قىلىپ سېلىنغان سېرىق رەڭلىك چوڭ دەرۋازا يۇقىرىقى مەيدان بىلەن كۆل مەنزىرە رايونىنى بىر- بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىكەن. سېرىق رەڭلىك دەرۋازىنىڭ ئالدىدىكى نەقىشلىك سالاسۇنغا يۆلىنىپ تۇرۇپ، 10 مىڭ مولۇق كۆل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش كىشىگە باشقىچە ھۇزۇر بېرىدىكەن. مانا بۇ مەنزىرىنى كۆرگەندە يىنچۈەننىڭ ھەقىقەتەن ئىسمى- جىسمىغا لايىق «كۆل شەھىرى» ئىكەنلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمايدىكەنسىز. كۆلنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك سەيلىگاھى بولغان كۆكۈل مەيدان، چىملىق پۇتبول مەيدانى ۋە شىمال تەرەپتىكى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدىغان يازلىق تىياتىرخانا بۇ يەرگە قەدەم باسقان كىشىگە ئاجايىپ رومانتىك تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدىكەن. مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ يازلىق تىياتىرخانا ھېسابلىنىدىغان بۇ پەلەمپەي شەكىللىك تىياتىرخانىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ ئويۇن كۆرەلەيدىكەن، تىياتىرخانىنىڭ سەھنىسىمۇ ئالاھىدە چوڭ بولۇپ، كۆلىمى 16 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرى شەھەر ئاھالىلىرى كۆل بويىغا كېلىپ سالقىندىغاچ، بۇ تىياتىرخانىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ نادىر ناخشا- مۇزىكا، تىياتىرلىرىدىن ھۇزۇر ئالىدىكەن. تىياتىرخانىنىڭ سەل نېرىسىدىكى بىر- بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن چوڭ- كىچىك كۆللەردىن تەركىب تاپقان 10 مىڭ مولۇق كۆل مەنزىرە رايونىدا ھەر يىلى يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسى دېگەندەك سۇ ئۈستى مۇسابىقە تۈرلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىكەن. بۇ باغچىدىكى بۇنداق ئۆزگىچىلىكلەر يىراق- يېقىندىن كەلگەن سەيلە- ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدىكەن.
كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى