قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۈزەللىك قەيسەرلىكتە

2017-07-30 14:36:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
بىر ئايالنى تونۇيمەن، ئۇنىڭ چىراي-تۇرقى، يۈرۈش-تۇرۇشى ئادەتتىكىچىلا. لېكىن، ھەر قېتىم ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئورۇق يۈزىدىن نۇر تاراۋاتقاندەك، يوشۇرۇن بىر ئىچكى گۈزەللىك بالقىپ تۇرغاندەك ھېس قىلىمەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇ كىچىكىدە يېتىم قېلىپ، ئۆگەي ئاتىسىنىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان، چوڭلىرىنىڭ جاپالىرىنىمۇ، ئازابلىرىنىمۇ يەتكۈچە تارتقان ئايال. ئۇنداقتا، ئۇنىڭدىكى باشقىلارنى جەلپ قىلىۋاتقان گۈزەللىك نەدىن كەلگەن؟ مېنىڭچە، بۇ دەل ئۇنىڭدىكى قەيسەر ئىرادە، سەۋىرچانلىق، چىدامچانلىدىن كەلگەن.
ئۇنىڭ بىلەن دوستلاشقان ۋاقىتلىرىمدا ئۇ بازارمۇ- بازار يۈرۈپ كىتاب ساتاتتى. ئۇنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان، جەمئىيەتكە چىقىپ تىجارەت  بىلەن شۇغۇللانغان، توي قىلىپ بالىلىق بولغان چاغلىرىدا نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى  تارتقانلىقىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم. ئەلۋەتتە، ھاياتلىق قانۇنىيىتى سەۋەبلىك يېقىنلىرىدىن جۇدا بولۇشتەك ئازابلارمۇ ئۇنى يەتكۈچە ئازابلىغان ئىكەن. لېكىن، ئۇ ساددىلىقى، ئاق كۆڭۈللۈكى سەۋەبىدىن تارتىۋاتقان ئازابلار ئالدىدا ھەر دائىم قەيسەر روھىي ھالەتنى ساقلاپتۇ. ئۆگەي ئاتىسى ئوقۇش پۇلىنى تۆلىمىگەندە، كىتاب سېتىپ پۇل يىغىپتۇ، ئېرى ئالا كۆڭۈللۈك قىلىپ نىكاھتا بەختسىزلىككە ئۇچرىغاندا، قىزىنى ئۆزى ئېلىپ قېلىپ بېقىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن تېخى يەنە ئۈرۈمچىدە يېرىم كۈن كىتاب سېتىپ، يېرىم كۈن كومپىيوتېر ۋە خەنزۇتىلى ئۆگىنىپ، كىچىكىدە سېستىمىلىق تەربىيەلىنەلمىگەنلىكىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپتۇ. ھازىر ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە بىر كىتابخانىسى بار. ئۇ ئىقتىساد  ۋە باشقا جەھەتتىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغاندىن كېيىن،  شۇ يەردە بالا باققاچ تىجارەت قىلماقتا. ئادەتتە، ئۈچ ياشلىق بالىسى بىلەن يالغۇز قالغان ئانىلارنىڭ مۇقىم خىزمىتى بولغان تەقدىردىمۇ، تۇرمۇشنىڭ ھەر خىل زەربىلىرىدىن يەنىلا تەمتىرەيدىغىنى ئېنىق. لېكىن ئۇ دوستلار يىغىلىپ مۇڭداشقاندا دائىم مۇنۇ گۈزەل جۈملىلەرنى ئېيتىپ، ئۆزىگە ئوخشاش تۇرمۇش ئوچاقلىرىدا قىينىلىۋاتقانلارنى دادىللىق بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرلەشكە، چىدامچان ، قەيسەر بولۇشقا ئۈندەيدۇ: «ئازابتا قالدىم، جاپادا قالدىم دەپ، ھېچ ئىش قىلماي ھەسرەتلىنىپ يۈرىۋەرسەك، يېقىنلىرىمىزمۇ بىزدىن بىزار بولىدىكەن. ياشلىق مەزگىلىمۇ ئۆتۈپ، يۈزىمىزگە قورۇق چۈشىدىكەن، كېلىشكەن پىگورىمىزمۇ بۇزىلىدىكەن. لېكىن ئادەمدىكى بىلىمنى، ئۇنىڭدىن بالىلارغا مىراس قالىدىغان قەيسەر روھنى ھېچكىم، ھېچقانداق ۋاقىتتا ئىگىلەپ ئالالمايدۇ. قەيسەر بولغاندا ئادەمنىڭ ھاياتى ھەر كۈنى يېڭىچە باشلىنىدىكەن، يېڭى مەنالارغا ئىگە بولىدىكەن. مېنىڭچە، ئاياللارنىڭ تۇرمۇشتىن ئىزدەيدىغان گۈزەللىكى مۇشۇ بولسا كېرەك».
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى