ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

   نېمە ئىش بىلەن ئالدىراش ئۆتۈۋاتىسىز؟

2017-08-03 18:05:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

            ئەكبەر ئىسمائىل

يېقىندا، «ۋاقىتنى باشقۇرۇش» توغرىسىدا يېزىلغان بىر پارچە ماقالىنى ئوقۇدۇم. ماقالىدىكى كۆز قاراش بويىچە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۇچرايدىغان ئىشلارنى تۆت تۈرگە ئايرىشقا بولىدىكەن، يەنى، جىددىي ھەم مۇھىم ئىش؛ جىددىيمۇ ئەمەس، مۇھىممۇ ئەمەس ئىش؛ جىددىي، ئەمما مۇھىم ئەمەس ئىش؛ مۇھىم، ئەمما جىددىي ئەمەس ئىش.
ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، تۇرمۇشۇمدىكى كۈندىلىك ئىشلارنى بۇ تۆت تۈرگە تەتبىقلاپ باقتىم، ھەقىقەتەن، خىيالىمغا كەلتۈرەلىگەن ھەممە ئىش بۇ تۆت تۈردىن چەتنەپ كەتمىدى. ئەگەر تۇرمۇشىمىزدىكى ئىشلارنى بۇ تۆت تۈر بويىچە خۇلاسىلەپ، ئىشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرالىساق، تۇرمۇشىمىزغا راستتىنلا كۆپ مەنالارنى بېرەلەيدىكەنمىز.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، پاراللېل سىنىپتا ئوقۇيدىغان بىر تونۇشۇم بار ئىدى، ئۇنىڭ ھەر زامان ئالدىراش يۈرگەنلىكىنىلا كۆرەتتىم. ئۇ دائىم كۇتۇپخانىغا ئالدىراش كىرەتتى، لېكىن ئون مىنۇت ئولتۇرمايلا، نەرسىلىرىنى جىددىي يىغىشتۇرۇپلا، چىقىپ كېتەتتى؛ مەيدانغا توپ ئوينىغىلى كېلەتتى، ئەمما ئون مىنۇت ئۆتمەي، «ئۆگىنىشكە بارىمەن» دەپ كېتىپ قالاتتى؛ كەچلىك مۇزاكىرىدە سىنىپقا جىددىي كىرەتتى، بىراق يەنە ئون مىنۇت توشمايلا، بىر نەرسە ئېسىگە كېلىپ ئالدىراش چىقىپ كېتەتتى. ئۇنى تونۇغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ بۇنداق ھالىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقمىدىم، ئۇنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ نېمىگە ئالدىراش يۈرىدىغانلىقىغا قىزىقاتتى. بىر قېتىم بىر قانچەيلەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق.
− نېمىگە ئالدىراش يۈرەتتىم؟ ۋاقىت يېتىشمەيدىغۇ زادى، − دەپ گېپىنى باشلىدى ئۇ، − ئانچە - مۇنچە ئىشلەپ پۇل تاپاي دېگەن، شۇڭا، شىركەتلەرگە بېرىپ تۇرىمەن، ئىش چىققاندا شۇ ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولىمەن...، قىز دوستۇم كىنو كۆرۈشكە ئامراق دېگىنە، شۇڭا، پات - پات ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، كىنو كۆرمىسەم بولمايدۇ...، ياتاقتىكى بالىلار ئۇ يەرگە بارىمىز، بۇ يەرگە بارىمىز، دەپ تۇرىدۇ، بارمىسام تېخى بولمىغان...
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ «تۇرمۇشۇڭ نېمىدېگەن رەڭدار - ھە» دەپ چاقچاق قىلىشقانىدۇق. لېكىن، ئەمدى ئويلىسام بۇ تونۇشۇم ئەينى چاغدا جىددىي، ئەمما مۇھىم ئەمەس ئىشلارنىڭ قاينىمىدا يۈرگەن ئىكەن.
جىددىي ھەم مۇھىم ئىش بىلەن جىددىيمۇ ئەمەس، مۇھىممۇ ئەمەس ئىشنى پەرقلەندۈرۈش ئاسان. مەسىلەن، ئىستۇدېنتلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىمتىھان، ئوقۇش پۈتكۈزۈش دىسسېرتاتسىيە يېزىش قاتارلىقلار جىددىي ھەم مۇھىم ئىش؛ كېچىچە كىنو كۆرۈش، كومپيۇتېردا ئويۇن ئويناش قاتارلىقلار جىددىيمۇ ئەمەس، مۇھىممۇ ئەمەس ئىش. خىزمەتتىكىلەر ئۈچۈن، رەھبەر ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتنى تاماملاش، كېسەل بولسا ۋاقتىدا داۋالىنىش قاتارلىقلار جىددىي ھەم مۇھىم ئىش؛ يىغىلىش، بازار ئايلىنىش قاتارلىقلار جىددىيمۇ ئەمەس، مۇھىممۇ ئەمەس ئىش.
بىزنى قايمۇقتۇرىدىغىنى جىددىي، ئەمما مۇھىم ئەمەس ئىش بىلەن مۇھىم، ئەمما جىددىي ئەمەس ئىش، بىراق كۆپىنچە ۋاقىتتا زېھنىمىزنى جىددىي، ئەمما مۇھىم ئەمەس ئىشقا سەرپ قىلىدىكەنمىز. بەزىدە جىددىي، ئەمما مۇھىم ئەمەس ئىش بىلەن مۇھىم، ئەمما جىددىي ئەمەس ئىشنىڭ تەرتىپىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپ، تۇرمۇشىمىز ھەم كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ھەقىقىي مۇھىم بولغان ئىشلارنى قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمايدىكەنمىز.
ئۇنداقتا، قانداق ئىش جىددىي، ئەمما مۇھىم ئەمەس ئىش، قانداق ئىش مۇھىم، ئەمما جىددىي ئەمەس ئىش؟
  مەندىن بىر نەچچە ياش كىچىك بىرەيلەن، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، تەستە تاشقى سودا شىركىتىگە خىزمەتكە چۈشتى، لېكىن شۇنچە تىرىشىپ ئىشلىسىمۇ، بىر ئاي ئۆتمەيلا، شىركەت خوجايىنى ئۇنى يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. خوجايىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ گەرچە تىرىشچان بولسىمۇ، ئىنگلىز تىلىنى بىلمەيدىكەن، پىراۋىسىمۇ يوقكەن، شىركەتكە دەرھال ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغان ئادەم لازىمكەن. ئۇنىڭدىن نېمىشقا ئالىي مەكتەپتە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپ، پىراۋا ئېلىپ قويمىغانلىقىنى سورىسام، ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەتلىشىش، قوشۇمچە ئىشلەش بىلەن ئالدىراش ئۆتۈپ، بۇ ئىشلارغا ئېرەن قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىزدە «بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەك» دېگەن گەپ بار، بۇ دەل جىددىي، ئەمما مۇھىم ئەمەس ئىشلارغا چېپىلىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ تونۇشۇمغا ئوخشاش كۆپىنچە ۋاقتىنى قارىماققا جىددىي كۆرۈنىدىغان، ئەمما كېيىنكى تۇرمۇشىغا ئانچە مەنپەئەت بەرمەيدىغان ئىشلارغا ئاجرىتىۋېتىدىغانلار كۆپ، ئەگەر دائىم جىددىي ئىشلار سەۋەبلىك مۇھىم ئىشلارنى قىلىشنى كەينىگە سۈرۈۋەرسەك، مۇھىم ئىشلار ئاقىۋەتتە ناھايىتى مۇھىم ۋە ناھايىتى جىددىي ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ - دە، ئەسلىدىكىدىنمۇ زور بەدەل تۆلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئۆگىنىش قىلىش جىددىي ئىشتەك تۇيۇلمايدۇ، لېكىن كەلگۈسى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇ تولىمۇ مۇھىم ئىش. قولۇمدىكى ئىشلار تۈگىگەندە، ۋاقىت چىققاندا ئۆگىنىمەن، دېگەن ئىدىيەدە يۈرۈۋەرسىڭىز، بىر كۈنلەردە ئۆزىڭىزنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قالغانلىقىڭىزنىمۇ بىلمەي قالىسىز؛ چېنىقىش، ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىش جىددىي ئىش ئەمەس، ئەمما ئۇزاق مەزگىلنى كۆزلىگەندە مۇھىم ئىش. ھامان بىر كۈنى چېنىقىمەن، كېيىنچە داۋالىنىمەن، دەپ بۇلارغا ئەھمىيەت بەرمىسىڭىز، كەلگۈسىدە كېسەل چىرمىۋالسا، ھەم ئازابلىنىسىز، ھەم چىقىمدار بولىسىز؛ بالا تەربىيەلەش جىددىي ئىش ئەمەس، ئەمما تولىمۇ مۇھىم ئىش. خىزمىتىڭىزنىڭ ئالدىراشلىقى، سورۇن - يىغىلىشلىرىڭىزنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبلىك بالا تەربىيەسىگە سەل قارىسىڭىز، ۋاقتى كەلگەندە نېمىلا قىلسىڭىز ئورنىنى تولدۇرالمايسىز.
ئون يىلدىن كېيىن باشقىلار بىلەن بولغان پەرقىڭىزنى ھازىر قانداق ئىش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقانلىقىڭىز بەلگىلەيدۇ. كۈندە ئازىراق ۋاقتىڭىزنى كەسپىڭىزگە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئۆگىنىش، تىل ئۆگىنىش، بالا تەربىيەلەش، چېنىقىش، تېخنىكا ئۆگىنىش، بىلىم قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتەك مۇھىم، ئەمما جىددىي ئەمەس ئىشلارغا ئاجراتسىڭىز، ھامان بىر كۈنى پايدىسىنى كۆرىسىز.
 

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى