قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلارنىڭ ئۈگىنىشىگە بولغان قىزىقىشىنى تۈرلەرگە ئايرىپ باقايلى

2017-08-04 13:31:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئۈگىنىشنىڭ ئۆزىگە بولغان قىزىقىش. يەنى بىز دائىم دەيدىغان بىلىم ئېلىش ئىستىلى بولۇپ، «قىزىقىش ئەڭ ياخشى ئۇستاز» دەيدىغان  ئوخشىتىش دەل مۇشۇ خىل قىزىقىشنى كۆرسىتىدۇ. بالىلار ئۈگىنىشنىڭ ئۆزىگە مەپتۇن بولۇپ كەتكەندە ئۇلارنىڭ ئۈگىنىش نەتىجىسىدىن  ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەممە كىشى ئەلا بىلىدىغان پىر-ئۇستازلار كۆپ ھاللاردا بىلىم ئېلىشقا، ئىجاد قىلىشقا نىسبەتەن تۇغما ئىشتىياققا ئىگە بولىدۇ. بۇ خىل مەنىۋى ئىنتىلىش ئادەمنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كەسپكە ئاتلاندۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇلار تەبىئىي يوسۇندىلا زور  مۇۋەپىقىيەتلەرگە ئېرىشەلەيدۇ.
باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن قىزىقىش. نۇرغۇن بالىلاردا ئېھتىمال ئۈگىنىشنىڭ ئۆزىگە كۈچلۈك قىزىقىشى بولماسلىقى مۈمكىن، بىراق  ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش، ئۈگىنىشتە باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىش ئىستىكى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، رىقابەتلىشىش ئادەمنىڭ تۇغما  خاراكتېرلىرىنىڭ بىرى، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىش ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈۋەتكەچكە، بالىلاردىكى رىقابەت ئېڭى  تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. بىراق، بىزنىڭ باھالاش ئۆلچەملىرىمىز بەكلا يۈزەكى بولغاچقا، نۇرغۇن بالىلار بۇ جەرياندا ئۆزىنى مەغلۇبىيەتچىدەك ھېس قىلىدۇ.
ماددىي مۇكاپاتنى كۆزلىگەن قىزىقىش. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئۈگىنىش نەتىجىسىنى بالىلار ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەر بىلەن  باغلىۋالىدۇ. ئادەتتە، تاپشۇرۇقىنىڭ توغرا-خاتالىقى، ئىشلەش سۈرئىتى، سانى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى بالىلار ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەر  بىلەن بىرلەشتۈرۈۋالىدۇ. بەزى چاغلاردا بۇنداق ئۇسۇل ھەقىقەتەن ئۈنۈم بەرسىمۇ، بىراق بالىلارنىڭ ھەقىقىي ئۈگىنىش قىزغىنلىقى ماددىي مۇكاپات  تەرىپىدىن ئورۇن ئالماشتۇرغان بولىدۇ.
جازالىنىشتىن قېچىپ «قىزىقىش». بۇنى قىزىقىش دېگەندىن كۆرە، بېسىم دېگەن تۈزۈك. نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئۈگىنىشى ھەمىشە بىر خىل ئەنسىزلىككە تولغان بولىدۇ. تاپشۇرۇقنى توغرا ئىشلىيەلمىسە، ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى بولماي قالسا، ئاتا- ئانىلار ۋە مۇئەللىملىرىنىڭ جازاسىغا  ئۇچرايدۇ. روھىي ۋە  جىسمانىي ئازابقا ئۇچراۋاتقان بالىلارنىڭ كەيپىياتى  چۈشكۈن ھالەتتە تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلاردىكى ئۈگىنىش «قىزغىنلىقى»  ئىنتايىن قىسقا بولىدۇ. شۇڭا، ھە دېسىلا ئوقۇغۇچىلارنى جازالايدىغان ئاتا-ئانىلار ياكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدىن مۇنەۋۋەر بالىلار  ئاسان چىقمايدۇ.
خۇلاسە شۇكى، «تۈگۈنچەكنى يەنىلا ئىگىسى يەشكىنى ياخشى» ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەش ئۇسۇلىنى ئۆگەرتىپ، بالىلارغا ئۈگىنىشنىڭ ئۆزىگە بولغان  قىزىقىشىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بېرىشى كېرەك.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى